UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىيۇقىرى بېسىملىق قازاننىڭ سىرى − سۇنىڭ قايناش نۇقتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش

يۇقىرى بېسىملىق قازاننىڭ سىرى − سۇنىڭ قايناش نۇقتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش

فىزىكا بىلىملىرى نېمە ئۈچۈن يۇقىرى بېسىملىق قازان (كورا) دا تاماق پىشۇرۇلسا ئادەتتىكى قازاندىن تېز بولىدۇ؟ بۇ، سۇنىڭ قايناش نۇقتىسىغا مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتىكى قازاندا تاماق پىشۇرۇشتا، ئاۋۋال سۇ قاينىتىلىپ، تېمپېراتۇرىسى ℃100 ئەتراپىغا يەتكەندە مۇشۇ تېمپېراتۇرىدا بىر بۆلۈك ۋاقىت دۈملىگەندىلا ئاندىن تاماق پىشىدۇ. سۇ قاينىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمى بىلەن سىرتقى يۈزىدە بىرلا ۋاقىتتا جىددىي ھورغا ئايلىنىش يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل ھادىسە قايناش دەپ ئاتىلىدۇ. سۇنىڭ قاينىغاندىكى تېمپېراتۇرىسى سۇنىڭ قايناش نۇقتىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر قازان ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃100 تىن يۇقىرى قىلىنسا، تاماق پىشۇرۇش ۋاقتى كۆپ قىسقىرايدۇ. ئەمما، ئادەتتىكى قازاندا تېمپېراتۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، سۇ قاينىغاندىن كېيىن يەنە قىزدۇرۇلسىمۇ، سۇنىڭ ھورغا ئايلىنىشىلا تېزلىشىپ، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، پەقەت سۇنىڭ قايناش نۇقتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىقلا، ئاندىن قازان ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. سۇنىڭ قايناش نۇقتىسىنى قانداق قىلغاندا يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟ ئاۋۋال تەجرىبە ئىشلەپ كۆرەيلى: كولبىنىڭ يېرىمىغىچىلىك سۇ قاچىلاپ، ئەينەك نەيچە ۋە تېرمومېتىر قادالغان بىر پۇرۇپكا بىلەن كولبا ئېغىزىنى ئېتىپ قويۇپ، بىر تال رېزىنكە نەيچە ئارقىلىق ئەينەك نەيچە بىلەن كىچىك ناسوسنى تۇتاشتۇرىمىز. ئىسپىرت لامپا ئارقىلىق كولبىنى قىزدۇرۇپ، تېرمومېتىر كۆرسەتكەن تېمپېراتۇرا ℃100 قا يېقىنلاشقاندا، كولبىدىكى سۇنىڭ قاينىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق قىزدۇرساقمۇ، تېمپېراتۇرا يۇقىرى ئۆرلىمەيدۇ. ئاندىن كېيىن ناسوسنىڭ پورشېنىنى كۈچەپ بېسىپ، كولبىدىكى بېسىمنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ داۋاملىق قىزىتساق، سۇ قايناشتىن توختاپ، سۇ تېمپېراتۇرسىنىڭ يەنە ئۆرلەشكە باشلىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ، سۇنىڭ قايناش نۇقتىسى بېسىمنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يۇقىرى بېسىملىق قازان مۇشۇ پرىنسىپ ئاساسىدا ياسىلىدۇ. ئۇ ئالاھىدە بولغان كاۋچوك ھالقا بىلەن ھىملىنىش ئارقىلىق، قازاندىكى ھورنىڭ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، قىزدۇرۇش جەريانىدا ھور بېسىمى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، سۇنىڭ قايناش نۇقتىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئائىلىلەردە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى بېسىملىق قازاندىكى ھورنىڭ بېسىمى3 .1 ئاتموسفېرا بېسىمىغا يېتىپ، قازاندىكى سۇنىڭ قايناش تېمېپراتۇرىسى ℃108 ئەتراپىغا يەتكۈزۈلىدۇ، شۇڭا تاماق پىشىپ، ۋاقىت ھەم يېقىلغۇ تېجەپ قېلىنىدۇ. دۇنيادىكى تۇنجى يۇقىرى بېسىملىق قازان1681 - يىلى كەشىپ قىلىنغان، بۇنى كەشىپ قىلغۇچى فرانسىيىلىك دوختۇر، فىزىكا ئالىمى ھەم مېخانىست داننىس·پاپىن.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى