تەۋرىنىش
فىزىكا بىلىملىرى
سائەت ماياتنىكىنىڭ ئېغىشى، ئىلەڭگۈچنىڭ تەۋرىنىشى، يۈرەكنىڭ سوقۇشى، كىچىك قۇشلار ئۇچقاندا كېلىپ چىقىدىغان دەرەخ شاخلىرىنىڭ سىلكىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بىر مەركىزىي ئورۇننى چۆرىدەپ ئۈزلۈكسىز قايتىلانما (بېرىپ - كېلىپ) ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت تەۋرىنىش دەپ ئاتىلىدۇ.
بىر تال يىپ بىلەن پولات شارچە ئېسىپ قويۇلسا، ئۇ ئاددىي ماياتنىك دەپ ئاتىلىپ، ئەڭ ئاددىي تەۋرىنىش سىستېمىسى بولىدۇ. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، شارچىنى تەڭپۇڭلۇق ئورنىدىن ئازراق ئىتتىرىپ a غا كەلتۈرۈپ، ئاندىن قولنى قويۇپ بەرسە، ئۇ ئېغىش (تەۋرىنىش)قا باشلايدۇ. ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى بولمىسا، شارچە ئۇدا تەۋرىنىپ، مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ، بۇ خىل ھەرىكەت ئۆچمەس تەۋرىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى مەۋجۇت بولغانلىقتىن، شارچە ئەڭ ئاخىر تەڭپۇڭلۇق ئورنىدا توختاپ قالىدۇ.
شارچىنىڭ ئېغىش جەريانىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، شارچىنىڭ ئېغىپ بىر قېتىم بېرىپ - كېلىشى ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ ھامان ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ، مانا بۇ ئاددىي ماياتنىكنىڭ تەڭ ۋاقىتچانلىقىدىن ئىبارەت. بۇ ۋاقىت تەۋرىنىش دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. بىر سېكۇنتتا جىسىمنىڭ تەۋرىنىش قېتىم سانى تەۋرىنىش چاستوتىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ بىرلىكى ھېرتىس (بەلگىسى Hz). ئەگەر بىر سېكۇنتتا10 قېتىملىق تەۋرىنىش تاماملانغان بولسا، ئۇنىڭ چاستوتىسى10 ھېرتىس بولىدۇ، بىر قېتىملىق تەۋرىنىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقتى10 /1 سېكۇنت بولسا، دەۋرى10 /1 سېكۇنت بولىدۇ.
شارچىنىڭ تەۋرەنگەندىكى تەڭپۇڭلۇق ئورنىدىن ئېغىشقان ئەڭ چوڭ ئارىلىقى ئامپلىتۇدا دەپ ئاتىلىدۇ. تەجرىبە شۇنى ئىپادىلىدىكى، ئاددىي ماياتنىكنىڭ دەۋرى شارچىنى ئاسقان يىپنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شارچىنىڭ ماسسىسى، تەۋرىنىش ئامپلىتۇدىسىغا مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ.
ئاددىي ماياتنىكنىڭ تەۋرىنىشى ئەڭ ئاددىي تەۋرىنىش بولىدۇ، ئەمەلىي تەۋرىنىش ھادىسىلىرى كۆپ مۇرەككەپ بولىدۇ، مېخانىك تەۋرىنىشلەرلا بار بولۇپ قالماي، يەنە ئېلېكتر ماگنىت تەۋىنىشى، ئاتوم تەۋرىنىشى قاتارلىقلارمۇ بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا تەۋرىنىش قانۇنىيىتىگە بويسۇنىدۇ.
تەۋرىنىش ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك بولغان بىر خىل ھەرىكەت ھادىسىسى، ئۇ تەڭ ۋاقىتچانلىققا ئىگە بولغانلىقتىن، ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەر بۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ سائەتلەرنى ياساپ كەلگەن، دۇنيا بويىچە تۇنجى ماياتنىكلىق سائەتنى1650 - يىلى گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى ھۇيگېنس ياسىغان، كېيىن تەۋرىنىش پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ۋاقىت خاتىرىلەش نەتىجىسىدە ۋاقىت خاتىرىلەشتە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاساسەن مېخانىك ماياتنىكلىق سائەت، كۋارتىسلىق سائەت ۋە ئاتوم سائەتتىن ئىبارەت ئۈچ جەريان بېسىپ ئۆتۈلدى، كونا تىپتىكى ئاسما سائەت ماياتنىكنىڭ ئېغىشى ئارقىلىق ۋاقىت خاتىرىلەيدۇ؛ مېخانىك قول سائەتنىڭ مەركىزىي دېتالى ماياتنىك ئوقى بىلەن پۇرژىنىدىن ئىبارەت؛ ئېلېكترونلۇق سائەتتە ئېلېكترو ماگنىت تەۋرىنىشنىڭ تەڭ ۋاقىتچانلىقىدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا ۋاقىت خاتىرىلىنىدۇ. كۋارتىس سائەتتە كۋارتىس كرىستالى تەۋرىنىشنىڭ تەڭ ۋاقىتچانلىقىدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا ۋاقىت خاتىرىلىنىدۇ. دۇنيا بويىچە تۇنجى ئاتوم سائەت1949 - يىلى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچەم ئىدارىسىدە ياسالغان. ئاتوم سائەتنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسى ئالاھىدە مۇقىم بولغانلىقتىن، ئاتوم سائەت ئىنتايىن توغرا بولىدۇ،300 مىڭ يىلدىمۇ پەرقى1 سېكۇنتقا يەتمەيدۇ.