تېرمومېتىرلار
فىزىكا بىلىملىرى
كېسەل بولۇپ قىزىپ كەتكىنىڭىزدە، دوختۇر تېرمومېتىر ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىڭىزنىڭ ئۆرلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ. تېرمومېتىر ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنىڭ پرىنسىپىنى بىلەمسىز؟
بەدەن تېرمومېتىرى بىر خىل سىمابلىق تېرمومېتىردىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئۈستى قىسمى بىر ئەينەك نەيچە، ئاستى ئۇچى بىر ئەينەك كۆپۈكچىدىن ئىبارەت. ئەينەك كۆپۈكچىگە ۋە نەيچىنىڭ ئاستى ئۇچىغا ساپ سىماب قاچىلىنىدۇ، نەيچىنىڭ ئۈستىگە تېمپېراتۇرا شكالىسى ئىپادىلەپ قويۇلىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا، ℃42 تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ℃35 تىن تۆۋەن بولمايدۇ، شۇڭا بەدەن تېرمومېتىرىنىڭ شكالىسى ℃35~ ℃42 قىچە بولۇپ، ھەربىر كىچىك كاتەكچىسى ℃0.1 قا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندە، تېرمومېتىرنىڭ ئاستىنقى ئۇچىدىكى ئەينەك كۆپۈكچە ئادەم بەدىنىگە تېگىشىپ تۇرىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تېرمومېتىرنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقتىن، ئەينەك كۆپۈكچىدىكى سىماب بەدەندىن كەلگەن ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ - دە، ھەجمى كېڭىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سىمابنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا ئوخشاش بولغۇچە ئىنچىكە ئەينەك نەيچىنى بويلاپ يۇقىرى ئۆرلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
بەدەن تېرمومېتىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ئالاھىدە بولۇپ، ئەينەك كۆپۈكچە بىلەن ئىنچىكە نەيچىنىڭ تۇتاشقان جايىدا بىر بۆلەك ناھايىتى ئىنچىكە قىسقىراش ئېغىزى بار. بەدەن تېرمومېتىرى ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىماب سوغۇقتىن يىغىلىپ، سىماب تۈۋرۈكى قىسقىراش ئېغىزىدا ئۈزۈلۈپ قالىدۇ - دە، ئۈستىدىكى سىماب قايتىپ كېتەلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، بەدەن تېرمومېتىرى ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى كۆرسىتىپ تۇرالايدۇ.
سىمابنىڭ ئورنىغا ئىسپىرت ياكى كىرسىننى ئىشلىتىپ، ئىسپىرتلىق تېرمومېتىر ۋە كىرسىنلىق تېرمومېتىرلارنى ياساشقا بولىدۇ. ئائىلىلەردە ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان تېرمومېتىرلارنىڭ كۆپىنچىسى كىرسىنلىق تېرمومېتىرلاردىن ئىبارەت. كۆرگەندە روشەن بولۇشى ئۈچۈن، دائىم كىرسىن قىزىل رەڭگە بوياپ قويۇلىدۇ. بۇنداق تېرمومېتىرلارمۇ سىمابلىق تېرمومېتىرلارغا ئوخشاشلا، ئىسسىقتىن كېڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىش خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ياسالغان.
سانائەت ۋە پەن - تەتقىقاتتا ئىشلىتىلىدىغان قارشىلىقلىق تېرمومېتىرى مېتال ئۆتكۈزگۈچلەر قارشىلىقىنىڭ تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ئۆرلەش پرىنسىپىغا ئاساسەن ياسىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۆلچەش دائىرىسى تەخمىنەن ℃190 -تىن ℃ 650قىچە بولىدۇ. تۆۋەن تېمپېراتۇرا فىزىكىسى، ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسى ۋە ئالەم ئۇچۇش تەتقىقاتلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك تېرمومېتىرى يېرىم ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ كىچىكلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا ياسىلىدۇ. ℃600 تىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەشتە، تېرموپاراتېرمومېتىر ۋە ئوپتىكىلىق تېرمومېتىرلار ئىشلىتىلىدۇ. نۆۋەتتە ℃10000 ھەتتا تېخىمۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلارنى ئۆلچەشتە ئاتوم سپېكترىنىڭ سپېكتر سىزىقلىرى بىلەن تېمپېراتۇرىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ھېسابلىنىدۇ. يۇلتۇزلارنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى فوتومېتىر دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئەسۋاب ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ.