ھەرىكەتتىكى ئاقار جىسىمنىڭ ئالاھىدىلىكى
فىزىكا بىلىملىرى
1912 - يىلى كۈزدىكى مەلۇم بىر كۈنى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يىراق ئوكيان پاراخوتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئولىمپىك» ناملىق پاراخوت دېڭىزدا كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭدىن 100m يىراقلىقتىكى جايدا ئۇنىڭدىن كۆپ كىچىك بولغان «خاۋك» ناملىق تۆمۈر قاپلىما ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت پاراللېل ھالدا تېز سۈرئەتتە كېلىۋاتاتتى. توساتتىن كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بەردى: كىچىك پاراخوت خۇددى سەزگىلى بولمايدىغان زور كۈچ تەرىپىدىن تارتىلىۋاتقاندەك بولۇپ، «ئولىمپىك» ناملىق پاراخوتقا ئېتىلىپ بېرىپ كۈچەپ سوقۇلغان، نەتىجىدە «ئولىمپىك» ناملىق پاراخوتنىڭ گىرۋىكىدىن چوڭ تۆشۈك ئېچىۋەتكەن.
قانداق كۈچ بۇ ئىككى پاراخوتنىڭ سوقۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؟ ئەسلىدە ئاقار جىسىم ئاققاندا، ئىچكى قىسمىنىڭ بېسىمى ئېقىش تېزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ - دە، ئېقىش تېزلىكى چوڭ بولغان جايدا بېسىم كىچىك، ئېقىش تېزلىكى كىچىك بولغان جايدا بېسىم چوڭ بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلى، ئىككى پاراخوت پاراللېل ھالدا ئالدىغا يۈرگەندە، ئىككى پاراخوت ئارىسىدىكى سۇ سىرتقى ياقتىكى سۇدىن تېز ئاقىدۇ، يەنى ئىككى پاراخوت ئارىسىدىكى بېسىم پاراخوت سىرتىدىكى سۇنىڭ بېسىمىدىن كۆپ كىچىك بولىدۇ. پاراخوتنىڭ سىرتقى يېقىدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ پاراخوتنىڭ گىرۋىكىگە قارىتا بولغان زور ئىتتىرىش كۈچى ئىككى پاراخوتنى تېز سۈرئەتتە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سوقۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
گازلارمۇ بىر خىل ئاقار جىسىم بولغانلىقتىن، ئۇلارمۇ بۇ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان پويىز ۋاگونلىرى ئەتراپىدا كۈچلۈك ھاۋا ئېقىمىنى پەيدا قىلىپ، ياندىكى جىسىمغا قارىتا تارتىش كۈچىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر پويىز سائىتىگە 50km تېزلىكتە ماڭسا، ناھايىتى چوڭ بېسىم ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا، پويىز كېلىۋاتقاندا ئادەملەر رېلىسقا بەك يېقىن تۇرۇۋالماسلىقى لازىم، بولمىسا، ئاسانلا زەخىملىنىش - ئۆلۈش ھادىسىلىرى يۈز بېرىدۇ.
ئاقار جىسىملارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، بۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرساق بولىدۇ. ئاسماندا پەرۋاز قىلىۋاتقان ئايروپىلانلار بۇنىڭ بىر مىسالى. ئايروپىلان قانىتىنىڭ شەكلى سۇيۇر شەكىللىك (ئېقىم سىزىقلىق) بولۇپ، ئاستى تەرىپى تەكشى، ئۈستى تەرىپى دۈگىلەك ئەگمە شەكىللىك بولىدۇ. ئۇچقاندا ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى چوڭ، ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئاستى تەرىپىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى كىچىك بولغاچقا، ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئاستى يۈزىدىكى بېسىم ئۈستى تەرىپىدىكى بېسىمدىن چوڭ بولىدۇ - دە، ئاستى - ئۈستىنىڭ بېسىم كۈچلىرى پەرقى شەكىللىنىدۇ، نەتىجىدە ئايروپىلان يۇقىرىغا قارىتا بولغان بىر كۈچ − ئۆرلىتىش كۈچىگە ئۇچراپ بوشلۇقتا ئۇچىدۇ.