توكنىڭ ھاسىل بولۇشى
فىزىكا بىلىملىرى
سۈركەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ جىسىم ئىگە قىلىنغان مۇسبەت ۋە مەنپىي زەرەتلەر تىنچ ئېلېكتر (ستاتىك ئېلېكتر) دەپ ئاتىلىدۇ. تىنچ تۇرغان ھاۋا ۋە دەريا سۈيى چاقپەلەك ۋە سۇ تۇربىنىسىنى ئايلاندۇرالمايدىغانلىقىغا ئوخشاش، تىنچ ئېلېكتر ئارقىلىق لامپۇچكىنى ياندۇرۇغىلى ۋە ماشىنىلارنى ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولمايدۇ. ئېقىۋاتقان ھاۋا ۋە دەريا سۇلىرىلا ئىش ئىشلىيەلەيدۇ، ئوخشاشلا، ھەرىكەتتىكى زەرەتلەرلا ئېلېكتر ماشىنىلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ.
فىزىكىدا زەرەتلىك زەررىچىلەرنىڭ يۆنىلىشلىك ھەرىكىتى توك دەپ ئاتىلىدۇ. ئېلېكتردىن پايدىلىنىپ يورۇتۇش ئېلىپ بېرىش ياكى شامالدۇرغۇچنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاق ۋاقىت ئۈزلۈكسىز داۋاملىشالايدىغان توك زۆرۈر بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان توكقا قانداق ئېرىشكىلى بولىدۇ؟
قولچىرىغىنىڭ كۇنۇپكىسىنى باسساق، كىچىك لامپۇچكا ئۈزلۈكسىز يورۇقلۇق چىقىرىدۇ، بۇ، كىچىك لامپۇچكىدىن ئۆتكەن توكنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ قۇرغاق باتارېيە بىر بۆلۈك ۋاقىت ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، كىچىك لامپۇچكا يانمايدۇ. بۇ، كىچىك لامپۇچكىدىكى ئۈزلۈكسىز توكنى قۇرغاق باتارېيە تەمىنلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
شامالدۇرغۇچنىڭ ۋىكليۇچاتېلىنى ئۇلىساق، شامالدۇرغۇچ توختىماستىن ئايلىنىدۇ، بۇ، توكنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ توكنىڭ ئۈزلۈكسىز مەۋجۇت بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئېلېكتر ئىستانسىسىدىكى گېنېراتورنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا توك تەمىنلەپ بەرگەنلىكىدە. ئەگەر توك توختاپ قالسا، شامالدۇرغۇچمۇ ئايلىنىشتىن توختايدۇ.
قۇرغاق باتارېيە، گېنېراتورلارغا ئوخشاش ئۈزلۈكسىز ھالدا توك تەمىنلەپ بېرىدىغان قۇرۇلما توك مەنبەسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما، توك مەنبەسى ئېلېكتر ئىشلەپچىقارمايدۇ ھەم ئۇ زەرەت ساقلايدىغان ئىسكىلات ئەمەس، ئۇ پەقەت زەرەتلەرنى يۆتكەش رولىنىلا ئۆتەيدۇ. مەسىلەن، قۇرغاق باتارېيىنىڭ كىچىك لامپۇچكىنى يورۇتۇشىدا، باتارېيىدىكى ماددىلاردا خىمىيىلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، زەرەتلەر ئۈزۈلمەي كىچىك لامپۇچكىدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە زەرەتلەر ئۈزلۈكسىز ھالدا باتارېيىگە قايتىپ كېلىدۇ. بۇنىڭدا خىمىيىلىك ئېنېرگىيە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلىنىدۇ. ئوخشاش پرىنسىپ بويىچە، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان گېنېراتور مېخانىك ئېنېرگىيىنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدۇ.
قۇرغاق باتارېيە ۋە گېنېراتوردىن باشقا، ئاككۇمۇلياتورمۇ ئىشلەپچىقىرىشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان توك مەنبەسىدۇر. بېنزىن ماشىنىسىنى ئوت ئالدۇرۇش، ئاپتوموبىل، پويىز، ئايروپىلانلارنىڭ يورۇتۇشىدا ئاككۇمۇلياتور ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېنىك ھەم ئىشلىتىلىش ۋاقتى ئۇزاق بولغان بىر خىل كۈمۈش - سىنك باتارېيىسى ئېلېكترونلۇق قول سائىتى، ئېلېكترونلۇق ھېسابلىغۇچ ۋە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەردە كۆپ ئىشلىتىلمەكتە. يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدىغان كرېمنىيلىق يەنە بىر خىل ئوپتىك باتارېيە سۈنئىي ھەمراھلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئاتوم ئېنېرگىيىسىنى بىۋاسىتە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدىغان بىر خىل ئاتوم باتارېيىسىمۇ تەتقىق قىلىپ سىناپ ياسالماقتا.