UyghurWiki›فىزىكا بىلىملىرى›دېڭىز ساھىلى ھاۋاسىنىڭ ئادەمگە يېقىشىنىڭ سەۋەبى − دېڭىز سۈيى سېلىشتۇرما ئىسسىقلىق سىغىمىنىڭ چوڭ بولغانلىقىدا
دېڭىز ساھىلى ھاۋاسىنىڭ ئادەمگە يېقىشىنىڭ سەۋەبى − دېڭىز سۈيى سېلىشتۇرما ئىسسىقلىق سىغىمىنىڭ چوڭ بولغانلىقىدا
فىزىكا بىلىملىرى
دېڭىز ساھىلى ھاۋاسى ئادەمگە ياققاچقا، قىشتا سوغۇق، يازدا ئىسسىق بولمايدۇ. كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىمۇ چوڭ بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
ماددىلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىگەندە ئىسسىقلىق سۈمۈرىدۇ، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندە ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىدۇ، ئوخشىمىغان ماددىنىڭ ئىسسىقلىق سۈمۈرۈش ياكى قويۇپ بېرىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ. ماسسىسى ۋە تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش بولغان سۇ بىلەن كىرسىننى ئايرىم - ئايرىم ئىستاكانغا قاچىلاپ، ئاندىن ئوخشاش ئىككى ئىسپىرت لامپا ئارقىلىق قىزدۇرۇپ، سۇ بىلەن كىرسىننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئوخشاشلا ℃1 ئۆرلىتىشتە، سۇنى قىزدۇرۇشقا كەتكەن ۋاقىت كىرسىننى قىزدۇرۇشقا كەتكەن ۋاقىتتىن ئۇزاق بولىدۇ. بۇ، سۇنىڭ كىرسىنغا قارىغاندا كۆپرەك ئىسسىقلىق سۈمۈرۈۋالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئوخشىمىغان ماددىنىڭ ئىسسىقلىق سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن، فىزىكىدا »سېلىشتۇرما ئىسسىقلىق سىغىمى« دەپ ئاتىلىدىغان بىر فىزىكىلىق مىقدار قوللىنىلىدۇ. ماسسىلىرى ئوخشاش بولمىغان ماددىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش تېمپېراتۇرىغا ئۆرلىگەندە، كۆپرەك ئىسسىقلىق سۈمۈرۈۋالغىنىنىڭ سېلىشتۇرما ئىسسىقلىق سىغىمى چوڭ، سۈمۈرگەن ئىسسىقلىقى ئازراق بولغىنىنىڭ سېلىشتۇرما ئىسسىقلىق سىغىمى كىچىك بولىدۇ. روشەنكى، سۇنىڭ سېلىشتۇرما ئىسسىقلىق سىغىمى كىرسىنىڭكىدىن چوڭ.
تەجرىبىلەر شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ماسسىلىرى ئوخشاش بولمىغان ماددىلار ئوخشاش تېمپېراتۇرىغا تۆۋەنلىگەندە، سېلىشتۇرما ئىسسىقلىق سىغىمى چوڭ بولغىنىنىڭ چىقىرىدىغان ئىسسىقلىقى كۆپ، سېلىشتۇرما ئىسسىقلىق سىغىمى كىچىك بولغىنىنىڭ چىقىرىدىغان ئىسسىقلىقى ئاز بولىدۇ.
تەبىئەتتىكى ھەربىر خىل ماددىنىڭ ئۆزىنىڭ سېلىشتۇرما ئىسسىقلىق سىغىمى بولىدۇ. سۇنىڭ سېلىشتۇرما ئىسسىقلىق سىغىمى چوڭراق بولىدۇ. سۇنىڭ مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن، دېڭىز ساھىلىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىچكى قۇرۇقلۇق ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدەك روشەن بولمايدۇ. ياز كۈنلىرى، كۈچلۈك قۇياش نۇرى پايانسىز دېڭىز يۈزىگە چۈشكەندە، دېڭىز سۈيىنىڭ سېلىشتۇرما ئىسسىقلىق سىغىمى چوڭراق بولغانلىقتىن، كۆپلىگەن ئىسسىقلىقنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئەمما سۇنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. شۇڭا، دېڭىز ساھىلىدىكى ئادەملەر ئالاھىدە ئىسسىق ھېس قىلىشمايدۇ. قىشتا، دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق قويۇپ بەرگەچكە، ئادەملەر يەنە ئالاھىدە سوغۇق ھېس قىلىشمايدۇ. بىر كېچە - كۈندۈزدىكى ئەھۋالىمۇ شۇنداق بولىدۇ: كۈندۈزى دېڭىز سۈيى ئىسسىقلىق سۈمۈرگەندە تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشى ئاستا بولىدۇ، كېچىسى ئىسسىقلىق قويۇپ بەرگەندە تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ تېز بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، بىر كېچە - كۈندۈزدىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى كىچىكرەك بولىدۇ. دېڭىز سۈيىنىڭ دەل مۇشۇنداق تەڭشەش رولى سەۋەبىدىن، دېڭىز ساھىلىنىڭ ھاۋاسى ئىللىق بولىدۇ - دە، ئادەمگە يېقىملىق تۇيۇلىدۇ.