ئاتوم دۇنياسىغا كىرىش
فىزىكا بىلىملىرى
ئاتوم نەزەرىيىسى قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپلىرى ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم بىر خىل ئىدىيە. گرېك تىلىدا »ئاتوم« سۆزى »بۆلۈنمەيدۇ« دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كېيىن، رىملىق لۇكرېشيۇ مۇنداق جۈملىلەر بىلەن بايان قىلغان:
جىسىم ياكى ماددىنىڭ مۇھىم ئامىلىنى ئېلىپ ئېيتساق، ھەممىسى دەسلەپكى (باشلانغۇچ) زەررىچىلەرنىڭ يىغىلىشىدىن تۈزۈلگەن؛ ئاجايىپ قۇدرەتلىك كۈچ بولغان تەقدىردىمۇ، ماددىنىڭ مۇھىم ئامىلىنى بۇزۇۋېتەلمەيدۇ.
ئېلېكتروننىڭ بايقىلىشى ۋە رادىئوئاكتىپلىق ھادىسىلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان چوڭقۇر تەتقىقاتلار ئارقىلىق كىشىلەر ئاخىر20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاتوم پارچىلانمايدۇ، دەيدىغان كونا قاراشلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئاتوم تۈزۈلۈشى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى.1904
- يىلى تومسون تۇنجى بولۇپ، «بولكىغا قىستۇرۇلغان قۇرۇق ئۈزۈم» دەپ ئاتالغان ئاتوم مۇدېلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق قارىغان: ئاتوم بىر شارچە، ئۇنىڭغا ماسسىسى ناھايىتى چوڭ مۇسبەت زەرەتلىك ماددا تەكشى جايلاشقان ھەمدە ماسسىسى ناھايىتى كىچىك مەنپىي زەرەتلىك ئېلېكترونلار قىستۇرۇلغان، شۇڭلاشقا پۈتۈن ئاتوم نېيتراللىقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ.1910 - يىلى ئەنگلىيىلىك يەنە بىر فىزىكا ئالىمى رېزېرفورد ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى α زەررىچىلىرىنىڭ چېچىلىشىنى تەتقىق قىلغاندا ئويلمىغان بىر پاكىتنى بايقىغان. ئۇلار α زەررىچىسى بىلەن مېتال پلاتېنا پلاستىنكىسىنى بومباردىمان قىلدى، رېزېرفوردنىڭ پەرىزى بويىچە α زەررىچىسىنىڭ ماسسىسى ئېلېكتروننىڭ ماسسىسىدىن7000 ھەسسە چوڭ بولغانلىقتىن، α زەررىچىسى ئارقىلىق پلاتېنا ئاتومىنى بومباردىمان قىلغاندا، ئۇ ئېتىلىپلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، دەپ قارىغان. ئەمما، تەجرىبە نەتىجىسى شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، پلاتېنا ئاتومىغا قارىتا ئېتىلغان8 مىڭدىن10 مىڭغىچە بولغان α زەررىچىلىرىدىن پەقەت بىر دانە α زەررىچە ئاتوم تەرىپىدىن قاڭقىپ قايتۇرۇلغان (چېچىلىش بارلىققا كەلگەن). رېزېرفورد مۇنداق دەپ قارىغان: ئاتومنىڭ ئىچكى قىسمىدا چوقۇم بىر دانە ئاتوم يادروسى مەۋجۇت، بۇ يادرونىڭ ھەجمى پۈتۈن ئاتوم ھەجمىنىڭ100 تىرىليوندىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا پۈتۈن ئاتوم ماسسىسىنىڭ 99.99 پىرسەنتى يىغىلغان؛ خۇددى يەر شارىنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلانغىنىغا ئوخشاشلا، ئېلېكترونلارمۇ ئاتوم يادروسىنىڭ سىرتىدىكى بوشلۇقتا ئاتوم يادروسىنى چۆرىدەپ ئايلىنىپ يۈرىدۇ. مانا بۇ رېزېرفورد تىكلىگەن ئاتوم تۈزۈلۈشىنىڭ سەييارە مودېلىدۇر.
كېيىنكى تەجرىبىلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، يادرو سىرتىدىكى ئېلېكتروننىڭ ھەرىكىتى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇ سەييارىنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىشىغا ئوخشاش مۇقىم ئوربىتىغا ئىگە بولمايدۇ، بەلكى ئاۋاز دولقۇنى، سۇ دولقۇنىغا ئوخشاش دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، يەنە ئوققا ئوخشاش زەررىچىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. شۇڭلاشقا،1913 - يىلى دانىيىلىك فىزىكا ئالىمى بور ئەينى ۋاقىتتىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسەن يەنە يېڭى بىر خىل ئاتوم مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىن، سوممېرفېل قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تۈزىتىشى ۋە ياخشىلىشى ئارقىلىق ئاخىر ئېلېمېنتلار دەۋرىي قانۇنى ۋە باشقا ئاتوم ھادىسىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چۈشەندۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەرنىڭ ئاتوم دۇنياسىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ سىرى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىزدىنىشنىڭ دەرۋازىسى ئېچىپ بېرىلدى.