شامالدۇرغۇچ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتەلمەيدۇ
فىزىكا بىلىملىرى
شامالدۇرغۇچ ئارقىلىق بىر تېرمومېتىرنى شامالداتساق، تېرمومېتىرنىڭ كۆرسەتكەن سانىنىڭ تۆۋەنلىمەيدىغانلىقىنى بايقىيالايمىز. دېمەك، شامالدۇرغۇچ ھاۋانى سالقىنلىتالمايدۇ. ئۇنداقتا، شامالدۇرغۇچ ئايلاندۇرۇلسا، نېمە ئۈچۈن كىشىلەر سالقىنلىق ھېس قىلىشىدۇ؟
كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مۇنداق تەجرىبىگە ئىگە: يۇيۇلغان ھۆل كىيىمنى ئۆيگە يېيىپ قويسىمۇ، بىر بۆلۈك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قۇرۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، كىيىمدىكى سۇلار سۇ ھورىغا ئايلىنىپ ئۇچۇپ كېتىدۇ. ماددىنىڭ مۇشۇنداق سۇيۇق ھالەتتىن گاز ھالەتكە ئۆزگىرىش جەريانى ھورغا ئايلىنىش (پارلىنىش) دەپ ئاتىلىدۇ. پەقەت سۇيۇقلۇقنىڭ سىرتقى يۈزىدىلا يۈز بېرىدىغان ھورغا ئايلىنىش ھادىسىسى ھورلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ.
بىز يەنە مۇنداق تەجرىبىگە ئىگە: ھۆل كىيىمنى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا ئېسىپ قويساق تېز قۇرۇيدۇ، شامالسىز يەرگە ئېسىپ قويساق ئاستا قۇرۇيدۇ، بۇ، سۇيۇقلۇقنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ھاۋانىڭ ئېقىشى قانچە تېز بولسا، ھورلىنىشنىڭمۇ شۇنچە تېز بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
سۇيۇقلۇق ھورلانغاندا، تېمپېراتۇرا ھورلىنىشقا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ. بىر پارچە ھۆل لاتىنى تېرمومېتىرنىڭ ئىسپىرت شارچىسىغا ئوراپ، ئاندىن كېيىن شامالدۇرغۇچ ئارقىلىق تېرمومېتىرنى يەلپۈسەك، ھۆل لاتىدىكى سۇنىڭ ھورلىنىشى تېزلىشىدۇ. بۇ چاغدا، تېرمومېتىرنىڭ ئىسپىرت تۈۋرۈكچىسى تۆۋەنلەيدۇ. بۇ، ھۆل لاتىدىكى سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، سۇ ھورلانغاندا ئېنېرگىيە سەرپ قىلىپ، ئەتراپىدىكى جىسىمدىن ئىسسىقلىق سۈمۈرۈۋالىدۇ. تېرىمىزگە ئازراق ئىسپىرت ياكى سۇ سۈركىسەك، سالقىن ھېس قىلىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىسپىرت ياكى سۇ ھورلانغاندا، بەدەندىن ئىسسىقلىق سۈمۈرۈۋېلىپ، تېرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
ياز پەسلىدە دىمىق ئىسسىق بولىدۇ، ئۆي ئىچى - سىرتىدا ئازراقمۇ شامال بولمايدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى تەرلەر ئاسانلىقچە ھورلانمايدۇ، خۇددى بىر قەۋەت ئىسسىق ھاۋا تەرىپىدىن يېپىلىپ قالغاندەك بولۇپ، ئىنتايىن بىئاراملىق ھېس قىلىنىدۇ. شامالدۇرغۇچ ئايلاندۇرۇلسا، ئەتراپتىكى ھاۋانىڭ ئېقىشىنى تېزلىتىپ، بىر تەرەپتىن، تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىنى ئوراپ تۇرغان ئىسسىق ھاۋانى ھەيدىۋېتىپ، سالقىن ھاۋانى كەلتۈرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تەرنىڭ ھورلىنىشىنى تېزلىتىپ، بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى ئېلىپ كېتىپ، تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سالقىن ھېس قىلىنىدۇ.