دوپلېر ئېففېكتى
فىزىكا بىلىملىرى
تۆمۈريول ياقىسىدا تۇرغىنىمىزدا، پويىز سىزگە قاراپ كېلىۋاتقاندا، ئاڭلىنىدىغان گۈدۈك ئاۋازى بارغانسېرى يۇقىرى بولىدۇ؛ پويىز سىزدىن يىراقلاپ بارغاندا، گۈدۈك ئاۋازى يەنە تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ. گەرچە ئاۋاز يۇقىرى - تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما گۈدۈك ئاۋازىنىڭ چاستوتىسى ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ خىل ھادىسىنى ئاۋسترىيىلىك ئالىم دوپلېر1842 - يىلى تۇنجى بولۇپ بايقىغان، بۇ، فىزىكىدا دوپلېر ئېففېكتى دەپ ئاتىلىدۇ.
نېمە ئۈچۈن دوپلېر ئېففېكتى ھاسىل بولىدۇ؟ بىزگە مەلۇم، ئاۋاز مەنبەسى ھاسىل قىلغان ئاۋاز دولقۇنلىرى ئادەمنىڭ قۇلاق پەردىسىنىڭ تەۋرىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىلا، ئاندىن ئاۋازنى ئادەم ئاڭلىيالايدۇ. قۇلاق پەردىسىنىڭ سېكۇنتىغا تەۋرىنىش قېتىم سانى كۆپ بولسا، ئادەمگە سېزىلىدىغان ئاھاڭ (تون) شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ئەكسىچە بولسا شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئاۋاز مەنبەسى قانداق ئاھاڭ چىقارسا، ئادەممۇ شۇنداق ئاھاڭنى ئاڭلايدۇ. ئەمما، ئادەم بىلەن ئاۋاز مەنبەسى نىسپىي ھەرىكەت قىلغاندا، ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ. پويىز سىزگە قاراپ كېلىۋاتقاندا، گۈدۈكنىڭ ئاۋاز دولقۇنىنىڭ قۇلاق پەردىسىنىڭ ھەر سېكۇنتتىكى تەۋرىنىش قېتىم سانىنى ئاشۇرىدۇ، ئاڭلانغان ئاۋازنىڭ ئاھاڭى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەيدۇ؛ پويىز سىزدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقاندا، قۇلاق پەردىسىنىڭ ھەر سېكۇنتتىكى تەۋرىنىش قېتىم سانى ئازىيىدۇ - دە، ئاڭلانغان ئاۋازنىڭ ئاھاڭى تۆۋەنلەپ بارىدۇ. تەجرىبىلىك تۆمۈريول ئىشچىلىرى گۈدۈك ئاھاڭىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، پويىز يۈرۈشىنىڭ تېز - ئاستىلىقى ۋە يۆنىلىشىنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ.
دوپلېر ئېففېكتى دولقۇننىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئاۋاز دولقۇنلىرىلا دوپلېر ئېففېكتىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، ئېلېكترماگنىت دولقۇنلىرىمۇ دوپلېر ئېففېكتىغا ئىگە. ئاسترونومىيە ئالىملىرى دوپلېر ئېففېكتىدىن پايدىلىنىپ يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەت تېزلىكىنى ئۆلچىيەلەيدۇ. ئەمما، ئۇلار قۇلاققا تايانماستىن، بەلكى نازۇك ئەسۋابلاردىن پايدىلىنىپ ئىنتايىن يىراقتىكى يۇلتۇزدىن كەلگەن ئېلېكتروماگنىت دولقۇنلىرى چاستوتىلىرىنىڭ ئىنتايىن كىچىك ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆلچەپ، ئاسمان جىسمى (يۇلتۇزى) نىڭ يەر شارىغا نىسبەتەن ھەرىكەت تېزلىكىنى ھېسابلاپ چىقالايدۇ.