كومپاسنىڭ يۆنىلىش كۆرسىتىشى
فىزىكا بىلىملىرى
كومپاس سۈنئىي ماگنىتتىن ياسالغان بىر تال ماگنىت ئىسترېلكىدىن ئىبارەت، ئۇنىڭ بىر ئۇچى جەنۇبنى، يەنە بىر ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىدۇ. جەنۇبنى كۆرسىتىدىغان ئۇچى جەنۇبىي قۇتۇپ، يەنى S قۇتۇپ دەپ ئاتىلىدۇ؛ شىمالنى كۆرسىتىدىغان ئۇچى شىمالىي قۇتۇپ، يەنى N قۇتۇپ دەپ ئاتىلىدۇ. كومپاسنىڭ ئىككى قۇتۇپى نېمە ئۈچۈن ھامان جەنۇب بىلەن شىمالنىلا كۆرسىتىدۇ؟
ئەسلىدە، ھەربىر ماگنىتنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپى ۋە شىمالىي قۇتۇپى بولىدۇ. بۇ ئىككى ماگنىت قۇتۇپلىرى ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتى ئەڭ كۈچلۈك قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىر تال تاياقسىمان ماگنىتنىڭ شىمالىي قۇتۇپىنى ماگنىت ئىسترېلكىسىنىڭ شىمالىي قۇتۇپىغا يېقىنلاشتۇرساق، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا تېپىشقانلىقىنى كۆرەلەيمىز؛ تاياقسىمان ماگنىتنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپىنى ماگنىت ئىسترېلكىنىڭ شىمالىي قۇتۇپىغا يېقىنلاشتۇرساق، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا تارتىشقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ، ئوخشاش ئىسىملىك ماگنىت قۇتۇپلىرىنىڭ ئۆزئارا تېپىشىدىغانلىقى، ئوخشىمايدىغان ئىسىملىك ماگنىت قۇتۇپلىرىنىڭ ئۆزئارا تارتىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
يەر شارىنىڭ ئۆزى غايەت زور بىر ماگنىت بولۇپ، ئۇنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپى بىلەن شىمالىي قۇتۇپى يەر شارىنىڭ ئىككى ئۇچىغا جايلاشقان بولىدۇ. ماگنىت قۇتۇپلىرىنىڭ ئۆزئارا تەسىرلىشىشىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، كومپاسنىڭ شىمالىي قۇتۇپى بىلەن يەر ماگنىتىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپى ئۆزئارا تارتىشىدۇ، كومپاسنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپى بىلەن يەر ماگنىتىنىڭ شىمالىي قۇتۇپى ئۆزئارا تارتىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كومپاس تىنچ تۇرغاندا، ئۇنىڭ شىمالىي قۇتۇپى ھامان يەر شارىنىڭ شىمالىي ئۇچىنى، جەنۇبىي قۇتۇپى يەر شارىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەمما، كومپاس يەر شارىنىڭ دەل جەنۇبى بىلەن دەل شىمالىنى كۆرسەتمەيدۇ.
مىلادىيىنىڭ11 - ئەسىرىدە، مەملىكىتىمىز ئالىملىرى ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىش ئارقىلىق، كومپاسنىڭ كۆرسىتىدىغىنى يەر شارىنىڭ دەل جەنۇبى ۋە دەل شىمالى بولماستىن، بەلكى بۇنىڭدىن سەل ئېغىشىدىغانلىقىنى بايقىدى. دېمەك، يەر شارىنىڭ ئىككى قۇتۇپى بىلەن يەر ماگنىتىنىڭ ئىككى قۇتۇپى ئۈستمۇئۈست چۈشمەيدۇ. يەر ماگنىتىنىڭ N قۇتۇپى جۇغراپىيىلىك جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ ئەتراپىدا، يەر ماگنىتىنىڭ S قۇتۇپى جۇغراپىيىلىك شىمالىي قۇتۇپنىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. ئىتالىيىلىك دېڭىزچى كولومبو ئاتلانتىك ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن (1492 - يىلى) دە، ئاندىن بۇ ھادىسىنى بايقىغان، بۇ، مەملىكىتىمىز ئالىملىرىنىڭ بايقىشىدىن400 يىلدىن كۆپرەك كېيىن.