UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىئالەم بوشلۇقى قۇياش كۈنلۈكى

ئالەم بوشلۇقى قۇياش كۈنلۈكى

فىزىكا بىلىملىرى قۇياش نۇرى بولمىسا، ئىنسانىيەت ياشىيالمايدۇ. يورۇقلۇقنىڭ ۋەكىلى قۇياش نۇرى بولۇپ، ئۇ بىزگە يورۇقلۇق، ئىللىقلىق ۋە ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، كىشىلەر قۇياش نۇرى بىلەن تۈن پەردىسىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، قۇياش نۇرى بىلەن كېچىنى يورۇتۇشنى قىياس قىلىپ كەلدى.1993 - يىل2 - ئاينىڭ4 - كۈنى، روسىيىلىك ئالىملار ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى ئالەم بوشلۇقى قۇياش كۈنلۈكىنى ئېگىز ئاسماندا ئېچىپ، يەر شارىغا كۆزنى چاقنىتىدىغان قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇپ چۈشۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، تۇنجى »سۈنئىي ئاي« نى بەرپا قىلىپ، قۇياش نۇرى بىلەن كېچىنى يورۇتتى. ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىنى يورۇتۇش سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئاي يورۇقلۇق چىقارغۇچى جىسىم ئەمەس، بىزگە كۆرۈنگەن ئاي يورۇقلۇقى ئاي قايتۇرغان قۇياش يورۇقلۇقىدىن ئىبارەت. ئالىملار كېچىسى ئاينىڭ قۇياش يورۇقلۇقىنى يەر شارىغا قايتۇرۇش پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، قايتۇرۇشچانلىقى ئىنتايىن ياخشى بولغان قېلىنلىقى پەقەت5 مىكرونلا كېلىدىغان لىئېستىر تالالىق دىلۇن نېپىز پەردىسىدىن كۈنلۈكسىمان قايتۇرۇش ئەينىكىنى لايىھىلەپ چىقتى، بۇ ئالەم بوشلۇقى قۇياش كۈنلۈكى (قىسقىچە ئالەم بوشلۇقى كۈنلۈكى) دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئالەم كېمىسى ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا لەيلىتىپ قويۇلسا، ئالەم بوشلۇقى كۈنلۈكى قۇياش يورۇقلۇقىنى ئېھتىياجلىق جايغا قايتۇرۇپ چۈشۈرەلەيدۇ - دە، شۇ جايدىكى كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرالايدۇ. يەردىن 350km ئېگىز بوشلۇققا لەيلىتىلگەن تۇنجى ئالەم كۈنلۈكى، ئەمەلىيەتتە دىئامېتىرى 22m بولغان قۇياش يورۇقلۇقىنى قايتۇرغۇچى ئەينەكتىن ئىبارەت، ئۇ قۇياش يورۇقلۇقىنى يىغىدۇ ھەم يەر يۈزىگە قايتۇرىدۇ. بۇ غايەت زور ئالەم بوشلۇقى كۈنلۈكى كېچە بولۇۋاتقان ياۋروپا رايونىغا كەڭلىكى تەخمىنەن 10km بولغان يورۇقلۇقنى قايتۇرۇپ چۈشۈردى، ئۇنىڭ يورۇش دەرىجىسى ئاي يورۇقلۇقىنىڭ2 ~3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇ جەنۇبتىن شىمالغىچە تەرتىپ بويىچە لىئون، جەنۋە، بورنىي، ميۇنخېن ۋە بىلوروسىيىلەرنى يورۇتتى. بۇ قېتىمقى ئالەم بوشلۇقىنى يورۇتۇش تەجرىبىسىدە يەر شارىنىڭ تەسكەي تەرىپىنى يورۇتۇش ۋاقتى6 مىنۇت داۋاملىشىپ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلغان. تەجرىبە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالەم بوشلۇقى كۈنلۈكى مۇقەددەس ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئاتموسفېرا قەۋىتىدە ئۆزلۈكىدىن كۆيۈپ كەتكەن. ئالەم بوشلۇقى ئارقىلىق يورۇتۇش تەجرىبىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى، ئەينى ۋاقىتتىكى كولومبونىڭ يېڭى قۇرۇقلۇقنى بايقىغىنىغا ئوخشاش چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىشنىڭ يېڭى مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ بەردى، بۇ ئىنسانىيەتنى ئېلېكتر كۈچى ئارقىلىق يورۇتۇش ئۆتمۈشىدىن خوشلاشتۇرۇپ، ئالەم بوشلۇقى ئارقىلىق يورۇتۇش دەۋرىگە باشلاپ كىردى. ھەرقايسى ئەل ئالىملىرى دىئامېتىرى نەچچە يۈز مېتىر كېلىدىغان ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى ئالەم بوشلۇقى كۈنلۈكىنى تەتقىق قىلىپ ياسىماقتا. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئالەم بوشلۇقىدا نۇرغۇن زور ئالەم بوشلۇقى كۈنلۈكلىرى كەڭ يېيىلىپ، ئىنسانىيەتكە يورۇقلۇق ئېلىپ كەلگۈسى
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى