UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىباش سۆڭىكىنىڭ ئاۋاز ئۇزىتىشى

باش سۆڭىكىنىڭ ئاۋاز ئۇزىتىشى

فىزىكا بىلىملىرى ئادەم قۇلىقىنىڭ ئاۋازنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ئەمما تۇنجى قېتىم ئۈنئالغۇدىن ئۆزىڭىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، بۇنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي قالىسىز. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ كۆپچىلىككە مەلۇم، ئادەم ئاڭلىغان سىرتتىن كەلگەن ئاۋازنى قۇلاق ئارقىلىق سېزىدۇ. سىرتقى مۇھىتتىكى ھاۋانىڭ تەۋرىنىشى قۇلاق پەردىسى ئارقىلىق ئاۋاز ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلاش سېزىم نېرۋىلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، يەنە چوڭ مېڭە ئارقىلىق بۇلار بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ئاڭلاش سېزىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەمما، سۆزلىگەن ۋاقتىمىزدا، ئاۋاز قۇلاققا تايانمايدۇ. بەلكى ئاۋاز پەردىسىنىڭ تەۋرىنىشى باش سۆڭەك ئارقىلىق ئاڭلاش سېزىم نېرۋىلىرىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈپ، چوڭ مېڭىدە بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاڭلاش سېزىمى شەكىللىنىدۇ. ئادەم باش قىسمىنىڭ سۆڭەكلىرى بارلىق ئەۋرىشىم جىسىمغا ئوخشاشلا ئاۋازنى ئوڭاي ئۆتكۈزىدۇ. ئاۋازنىڭ بۇ خىل قاتتىق جىسىم مۇھىتىدا تارقىلىشى بىلەن ھاۋا مۇھىتىدىكى تارقىلىشى ئوخشاش بولمايدۇ، كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاۋاز سېزىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشتا باش سۆڭىكى ئارقىلىق تارقىلىپ كەلگەن ئاۋازنى ئاڭلاشقا ئادەتلىنىپ قالغان، ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا خاتىرىلەنگىنى ھاۋادىن تارقىلىپ كەلگەن ئاۋازدىن ئىبارەت، شۇڭا ئۆزىنىڭ ئۈنئالغۇ ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا يات تۇيۇلۇشى تەبىئىي ئەھۋال، ئەمما باشقىلارنىڭ سۆزلىگەن سۆزى ياكى ئۈنئالغۇغا خاتىرىلىۋېلىنغان ئاۋازىنى ئاڭلىسىڭىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھاۋا مۇھىتىدىن تارقىلىپ كەلگەنلىكتىن، ئىككى خىل سېزىلمەيدۇ. ئېغىزىڭىزدا قاتتىقراق نەرسىلەرنى چاينىغىنىڭىزدا، ناھايىتى چوڭ شاۋقۇن ئاۋازنى سېزىسىز، ئەمما يېنىڭىزدىكى ئادەم بۇنى ئاڭلىيالمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۆزىڭىز بىۋاسىتە باش سۆڭىكىڭىز ئارقىلىق ئاۋازنى سېزىسىز. بۇنداق قاتتىق نەرسىلەرنى چاينىغاندا چىققان قاتتىق نەرسىنىڭ ئۇۋۇلۇش ئاۋازى ھاۋا ئارقىلىق ياندا تۇرغان ئادەم قۇلىقىغا يېتىپ كەلگەندە بوش ئاۋازغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاتاقلىق مۇزىكانت بىتخوۋېن ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا گاس بولۇپ قالغاندىن كېيىن، قاتتىق تاياقنىڭ بىر ئۇچىنى پىئانىنونىڭ ياپقۇچ تاختىسىغا تىرەپ قويۇپ، يەنە بىر ئۇچىنى چىشلىرى بىلەن چىشلەپ تۇرۇپ، قاتتىق تاياق ئارقىلىق پىئانىنونىڭ چېلىنغان ئاۋازىنى «ئاڭلىغان»، بۇنىڭ پرىنسىپىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى