UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىبىئوتوك

بىئوتوك

فىزىكا بىلىملىرى مىلادىيىدىن300 نەچچە يىللار بۇرۇنلا، كىشىلەر بەزى بېلىقلارنىڭ ئۇلارغا تېگىشكەن كىچىك ھايۋانلارنى سوقۇپ ھوشسىزلاندۇرىدىغانلىقى، ھەتتا ئۆلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى بايقىغان.17 - ئەسىرگە كەلگەندىلا، ئاندىن كىشىلەر بۇ بېلىقلارنىڭ مۇئەييەن زەرەت قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بىلگەن، مەسىلەن، توكلۇق يىلانبېلىق زەرەت قويۇپ بەرگەندە ئېلېكتر بېسىمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا800 ۋولتتىن ئاشىدۇ؛ چوڭراق بولغان توكلۇق سىكاتى بېلىقى زەرەت قويۇپ بەرگەندە ئېلېكتر بېسىمى220 ۋولت ئەتراپىدا بولىدۇ. كىشىلەر زەرەت قويۇپ بېرەلەيدىغان بۇ خىل بېلىقلارنى توك بېلىق دەپ ئاتىدى. توك بېلىقلارنىڭ «گېنېراتور» غا ئوخشاپ كېتىدىغان توك چىقىرىش ئەزاسى بار بولۇپ، بۇ ئەزاسىنىڭ زەرەت قويۇپ بېرىش پائالىيىتى، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى غىدىقلانغاندا، بېلىقنىڭ بەزى قىسىملىرى مەنپىي، بەزى قىسىملىرى مۇسبەت زەرەتلىنىدۇ. ناۋادا سىرتقى مۇھىتتىكى ئۆتكۈزگۈچ بىلەن تېگىشكەن ھامان توك ئۆتۈپ، زەرەت قويۇپ بېرىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. بۇ ئەڭ بالدۇر بايقالغان جانلىقلار تېنىدە مەۋجۇت بولغان ئېلېكتر ھادىسىسىدۇر، كىشىلەر بۇ خىل ھادىسىنى »بىئوتوك« دەپ ئاتاشتى. ئىنسانىيەتنىڭ بىئوتوكقا بولغان تەتقىقاتى18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان.1786 - يىلى ئىتالىيىلىك دوختۇر گالۋانى پاقىنى يېرىپ تەكشۈرگەندە، مىس ئىلمەككە ئېسىپ قويۇلغان پاقا پۇتىنىڭ مۇسكۇلى ھەرقېتىم تۆمۈر رېشاتكىغا تېگىشكەندە، قاتتىق تارتىشقانلىقىنى توساتتىن بايقاپ قالغان. بۇ خىل ھادىسە پاقا پۇتى مۇسكۇلىنىڭ توكنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندىكى تارتىشىپ قېلىشىغا ئوخشاپ كەتكەن. ئۇ مۇنداق دەپ قارىغان: بۇنى پاقا پۇتىدىكى «ھايۋان ئېلېكترى» كەلتۈرۈپ چىقارغان: مەلۇم خىل بىئولوگىيىلىك جەرياندا، پاقا پۇتىدىكى نېرۋا بىلەن مۇسكۇللارنىڭ ھەرقايسىسى قارىمۇقارشى زەرەتلىنىپ، ئىككىسى ئارىسىدا ئېلېكتر بېسىمى مەۋجۇت بولىدۇ. پاقا پۇتى تۆمۈر رېشاتكىغا تېگىشكەندە، نېرۋىسى بىلەن مۇسكۇلىنىڭ زەرەتلىرى تۇتىشىپ، بىئوتوك ئۆتىدۇ. بىئوتوكنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن، پاقا پۇتىنىڭ مۇسكۇللىرى تارتىشىدۇ. گالۋانى »بىئوتوك« نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىدى. كېيىن، ئالىملار مۇرەككەپ ھەم سىرلىق بولغان بىئوتوك پائالىيىتىگە قارىتا سىستېمىلىق چوڭقۇر كۆزىتىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، يېڭى بىر پەن − ئېلېكتر فىزىئولوگىيىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. ھازىر كىشىلەر ھەر خىل ئورگانىزملاردا بىئوتوكنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدى. زامانىۋى دوختۇرخانىلاردا، دوختۇرلار دائىم قوللىنىدىغان توك بىلەن داۋالاشتا، توكنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ بەزى ئەزالىرىغا بولغان غىدىقلىشىدىن پايدىلىنىپ كېسەللىكنى داۋالايدۇ. ئېلېكتروكاردىئوگرامما (يۈرەك ئېلېكتر دىئاگرامما)، ئېلېكتر ئېنسېفالوگرامما (مېڭە ئېلېكتر دىئاگرامما) لارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ يۈرىكى ياكى مېڭە قىسمىدا ھاسىل بولغان توك ئۆلچەش ئەسۋابىدىن گەۋدىلەندۈرۈلگەن تەسۋىردىن ئىبارەت. بۈگۈنكى كۈندە، مېدىتسىنا تەرەققىي قىلىپ، ئىككى قولىدىن ئايرىلغان ئادەمنى بىئوتوك ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان سۈنئىي قولدىن پايدىلىنىپ خەت يازالايدىغان قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى
بىئوتوك | UyghurWiki | UyghurWiki