UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىماگنىتنىڭ توكنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان تۇنجى تەجرىبە

ماگنىتنىڭ توكنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان تۇنجى تەجرىبە

فىزىكا بىلىملىرى 1820 - يىلى دانىيىلىك فىزىكا ئالىمى ئوننېس توكنىڭ ماگنىت ئېففېكتىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئالىملار مۇنداق بىر مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلىشقا باشلىدى: توك ماگنىت ھاسىل قىلغانىكەن، ئۇنداقتا ماگنىت توكنى ھاسىل قىلالامدۇ - يوق؟ كۆپلىگەن ئالىملار بۇ مەسىلىنى چۆرىدەپ نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ئىشلىدى، ئەڭ ئاۋۋال مۇۋەپپەقىيەت قازانغىنى ئەنگلىيىلىك فىزىكا ئالىمى فارادېي بولدى.1822 - يىلى31 ياشلىق فارادېي ماگنىتنى توكقا ئايلاندۇرۇش ھەققىدىكى تەجرىبىنى باشلاپ، نەق10 يىل ھارماي - تالماي تىرىشىپ، ئاخىر1831 - يىلى ماگنىتنىڭ توكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ھادىسىسىنى بايقىدى، بۇ خىل ھادىسە ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيە ھادىسىسى دەپ ئاتالدى. فارادېي ئەڭ دەسلەپكى تەجرىبىسىنى مۇنداق ئىشلىگەن: ئىككى كاتۇشكا (سىم ئورام) نى بىر تۆمۈر ھالقىغا ئوراپ، كاتۇشكا A نى باتارېيىگە، كاتۇشكا B نى ئامپېرمېتىرغا ئۇلاپ، ۋىكليۇچاتېل (ئۈز - چات) K نى تۇتاشتۇرۇپ، كاتۇشكا A دىن توك ئۆتكۈزگەن ياكى ۋىكليۇچاتېل K نى ئۈزۈپ كاتۇشكا A نى توكتىن ئۈزۈۋەتكەندە، ئامپېرمېتىر ئىسترېلكىسىنىڭ ئېغىشقانلىقىنى بايقىغان. بۇ، كاتۇشكا B دا توك ھاسىل بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما، كاتۇشكا B دىكى توك پەيتلىك بولىدۇ، كاتۇشكا A دىكى توك مۇقىملاشقاندىن كېيىن، ئامپېرمېتىرنىڭ ئىسترېلكىسى قوزغالمايدۇ. فارادېي يەنە تۆمۈر ھالقىنىڭ چوقۇم زۆرۈر بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان، تۆمۈر ھالقىنى ئېلىۋېتىپ بۇ تەجرىبىنى قايتا ئىشلىگەندە، ئېلېكتر ماگنىت ھادىسىسى ئاۋۋالقىدەكلا يۈز بەرگەن، ئەمما كاتۇشكىدىكى توك ئازراق ئاجىزلىغان. فارادېي مۇنداق دەپ قارىغان: كاتۇشكا B پەقەتلا كاتۇشكا A دىكى توكنىڭ ماگنىت ئېففېكتى دائىرىسى ئىچىدە تۇرغان، ئۇنىڭدىن باشقا A بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، شۇڭا B دىكى توك پەقەت A دىكى توكنىڭ ماگنىت ئېففېكتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ھاسىل بولغان. بۇ دەل ئۇ10 يىل ئىزدىنىپ بايقىغان ماگنىتنىڭ توكقا ئايلىنىش ھادىسىسىدىن ئىبارەت. فارادېي ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيىسىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى تۇرغۇزۇپ، ماگنىت بىلەن توك (ئېلېكتر) نىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېچىپ بەردى، بۇ، ھازىرقى زامان ئېلېكتر تېخنىكىسى ئىلمىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى. فارادېي يەنە ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيە پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، تارىختىكى تۇنجى ئىندۇكسىيىلىك گېنېراتورنى لايىھىلىدى.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى