دولقۇننىڭ پايدىسى
فىزىكا بىلىملىرى
تىپتىنچ كۆلگە بىر تال تاشنى تاشلىغاندا، سۇ يۈزىدە سىرتقا كېڭىيىپ ماڭغان دۈگىلەك - دۈگىلەك سۇ دولقۇنلىرى شەكىللىنىدۇ، يەنە سۇ دولقۇنىدا لەيلەپ تۇرغان دەرەخ يوپۇرماقلىرى، قەغەز پارچىلىرىنى تەپسىلىي كۆزەتسەك، ئۇلارنىڭ سۇ دولقۇنىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ يۆتكەلمەستىن، پەقەت ئەسلىي ئورنىدا ئاستى - ئۈستىگە تەۋرىنىدىغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ.
بىز بىر تەجرىبە ئىشلەپ كۆرەيلى. تانىنىڭ بىر ئۇچىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يەنە بىر ئۇچىنى قولىمىز بىلەن ئاستى - ئۈستىگە پۇلاڭلاتساق، تانا سولدىن ئوڭغا قارىتا يۇقىرى - تۆۋەن تەۋرىنىپ، ئوڭغا قاراپ تارقالغان دولقۇننى شەكىللەندۈرىدۇ. تانىدىكى ھەربىر نۇقتا پەقەت يۇقىرى - تۆۋەن تەۋرىنىش قىلىپ، ئوڭغا قاراپ يۆتكىلەلمەيدۇ. مۇنداق تەۋرىنىش شەكلىدە تارقالغان بۇ خىل ھادىسە دولقۇنلىنىش، قىسقىچە دولقۇن دەپ ئاتىلىدۇ. سۇ دولقۇنى، تانىدىكى دولقۇنلارنىڭ ھەممىسى كۆرۈنىدىغان دولقۇن ھېسابلىنىدۇ، تەبىئەتتە كۆرگىلى بولمايدىغان يەنە نۇرغۇن دولقۇن مەۋجۇت، مەسىلەن، ئاۋاز دولقۇنى، رادىئو دولقۇنى قاتارلىقلار.
دولقۇن تەۋرىنىشنىڭ تارقىلىشىدىن ئىبارەت، بارلىق دولقۇننىڭ ھەممىسى تەۋرىنىش مەنبەسىدىن ھاسىل بولىدۇ. تاش چۈشكەن جايدىكى سۇنىڭ تەۋرىنىشى سۇ دولقۇنىنىڭ دولقۇن مەنبەسى بولىدۇ؛ رادىئو قوبۇللىغۇچتا ئاڭلىتىلغان مۇزىكىلىق ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ئاۋاز مەنبەسى رادىئو كانىيىدىن ئىبارەت.
دولقۇننىڭ تارقىلىش يۆنىلىشى بىلەن دولقۇن مەنبەسىنىڭ تەۋرىنىش يۆنىلىشى بىرنەرسە ئەمەس. رەسىمدىكى تانىنىڭ ھەرقايسى نۇقتىلىرىنىڭ تەۋرىنىش يۆنىلىشى بىلەن دولقۇننىڭ تارقىلىش يۆنىلىشى تىك بولغان دولقۇن توغرا دولقۇن دەپ ئاتىلىدۇ. سۇ دولقۇنى، يورۇقلۇق دولقۇنى ۋە رادىئو دولقۇنلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا دولقۇنغا تەۋە. ئەگەر تەۋرىنىش يۆنىلىشى بىلەن دولقۇننىڭ تارقىلىش يۆنىلىشى بىردەك بولسا، بۇ بوي (تىك) دولقۇن دەپ ئاتىلىدۇ، ئاۋاز دولقۇنى بوي دولقۇنغا تەۋە. يۇقىرىقى رەسىمدىكى تەۋرىنىشنىڭ كۆپۈنگۈ قىسمى دولقۇن چوققىسى، پېتىنغۇ قىسمى دولقۇن ئويمىنى دەپ ئاتىلىدۇ، قوشنا ئىككى دولقۇن چوققىسى (ياكى دولقۇن ئويمىنى) ئارىسىدىكى ئارىلىق دولقۇن ئۇزۇنلۇقى دەپ ئاتىلىپ، λ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ،1 سېكۇنت ئىچىدىكى دولقۇننىڭ تارقىلىش ئارىلىقى ئىچىدىكى دولقۇن ئۇزۇنلۇقىنىڭ دانە سانى دولقۇننىڭ چاستوتىسى دەپ ئاتىلىپ، ƒ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.1 سېكۇنت ئىچىدىكى دولقۇننىڭ تارقىلىش ئارىلىقى دولقۇننىڭ تارقىلىش تېزلىكى دەپ ئاتىلىدۇ، دولقۇن تېزلىكى ƒλ قا تەڭ. ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل دولقۇننىڭ تارقىلىش تېزلىكلىرىنىڭ پەرقى چوڭ بولىدۇ ھەم دولقۇننىڭ تارقىلىش تېزلىكى مۇھىتقا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ھاۋادىكى تېزلىكى ئادەتتە تەخمىنەن 340s/m پولاتتا 5000s/m قا يېتىدۇ؛ يورۇقلۇق دولقۇنى ياكى رادىئو دولقۇنىنىڭ ھاۋادىكى تېزلىكى 3×108s/mقا يېتىدۇ. شۇڭلاشقا، رادىئو قوبۇللىغۇچ ئارقىلىق كونسېرتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنىڭ تارقىتىلىشىدىن ئاڭلىغۇچىلار تىياتىرخانىنىڭ كەينى ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇپ ئاڭلىغۇچىلارغا قارىغاندا مۇزىكىنى بالدۇرراق ئاڭلىيالايدۇ.