UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىيىقىلماس قونچاق ۋە ئېغىرلىق مەركىزى

يىقىلماس قونچاق ۋە ئېغىرلىق مەركىزى

فىزىكا بىلىملىرى قىزىقارلىق بولغان يىقىلماس قونچاقنى قانداقلا ئىتتىرسىڭىز يىقىلمايدۇ. ھەتتا ئۇنى توغرىسىغا قىلىپ قويۇپ، قولنى قويۇۋەتكەندىمۇ دەرھال ئۆرە بولۇۋالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ گورىزونتال قويۇلغان بىر پارچە خىش ناھايىتى مۇقىم بولىدۇ، ئەگەر ئۇنى تىكلەپ قويسا، ئاسانلا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، خىشنى ياتقۇزۇپ قويغاندا، ئۇنىڭ يەر يۈزىگە تېگىشىش يۈزى چوڭ بولىدۇ - دە، ئېغىرلىقىنىڭ كۆپ قىسمى تېگى قىسمىغا يىغىلىدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى تۆۋەنرەك بولىدۇ - دە، ئاسانلىقچە ئۆرۈلۈپ كەتمەيدۇ. باشقا جىسىملارمۇ شۇنداق بولۇپ، تېگى قىسمىنىڭ يۈزى قانچە چوڭ، ئېغىرلىق مەركىزى قانچە تۆۋەن بولسا، شۇنچە مۇقىم بولىدۇ. نۇرغۇن ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېگى قىسمى ئېغىرراق، تەگلىكى چوڭراق بولىدۇ، بۇنىڭدا ئۆرۈلۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش مەقسەت قىلىنىدۇ. مەسىلەن، تەجرىبىدە ئىشلىتىلىدىغان تارازىنىڭ تېگى قىسمىنىڭ يۈزى چوڭراق ھەم ئېغىر بولىدۇ؛ ئاپتوموبىل ياكى پاراخوتلارغا يۈك قاچىلىغاندا ئېغىر يۈكلەر ئاستى تەرىپىگە، يېنىك يۈكلەر ئۈستى تەرىپىگە قويۇلۇپ، ئېغىرلىق مەركىزى تۆۋەنلىتىلىپ، بىخەتەر يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. يىقىلماس قونچاقنىڭ يىقىلماسلىقىنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىر جەھەتتىن، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈستى يېنىك، ئاستى ئېغىر بولۇپ، تېگى قىسمىدا ئېغىرراق تۆمۈر پارچىسى بار، شۇڭا ئېغىرلىق مەركىزى ناھايىتى تۆۋەن؛ يەنە بىر جەھەتتىن، يىقىلماس قونچاقنىڭ ئاستىنقى يۈزى چوڭ ھەم دۈگىلەك سىلىق بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپكە قىيسايغاندا، ئۇنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى بىلەن ئۈستەل يۈزىنىڭ تېگىشىش نۇقتىلىرى ئوخشاش بىر تىك سىزىقتا ياتمايدۇ، ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرى ئۇنى ئېغىشتۇرىدۇ. يىقىلماس قونچاق سولغا يىقىلغاندا، ئېغىرلىق مەركىزى بىلەن ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرلىشىش سىزىقى تېگىشىش نۇقتىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بولۇپ، ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە يىقىلماس قونچاق ئوڭغا يىقىلىدۇ. ئوڭ تەرەپكە يىقىلغاندا، ئېغىرلىق مەركىزى بىلەن ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرلىشىش سىزىقى يەنە تېگىشىش نۇقتىسىنىڭ سول تەرىپىگە يۈگۈرۈپ ئۆتىدۇ - دە، يىقىلماس قونچاق يەنە سولغا يىقىلىدۇ. يىقىلماس قونچاقنىڭ قىيسىيىش دەرىجىسى قانچە چوڭ بولسا، ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرى ھاسىل قىلغان ئېغىشتۇرۇش شۇنچە روشەن بولۇپ، تاكى ئېغىشتۇرۇش (تەۋرىنىش) جەريانىدا ئېنېرگىيىسى تەدرىجىي خوراپ، ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى بىلەن پوتېنسىئال ئېنېرگىيىسى ئازىيىپ نۆل بولغان، ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرلىشىش سىزىقى دەل تېگىشىش نۇقتىسىدىن ئۆتكەن چاغدا، ئۇ ئاندىن يەنە داۋاملىق ئېغىشمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى
يىقىلماس قونچاق ۋە ئېغىرلىق مەركىزى | UyghurWiki | UyghurWiki