UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىئاقار جىسىملارنىڭ يېپىشقاقلىق كۈچى

ئاقار جىسىملارنىڭ يېپىشقاقلىق كۈچى

فىزىكا بىلىملىرى ئەينەك ئىستاكاندىن سۇنى تۆكۈش ناھايىتى ئاسان، ئەمما سىرنى تۆكۈپ چىقىرىش خېلى قىيىن، بۇنىڭ سەۋەبى سىرنىڭ يېپىشقاقلىقىدا. سىرنىڭ يېپىشقاق بولۇشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، سىرنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ئارىسىدا يېپىشقاقلىق كۈچىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدا. ئەمەلىيەتتە سۇمۇ يېپىشقاقلىق كۈچىگە ئىگە. يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيەت بارلىق ئاقار جىسىملارغا ئورتاق بولغان مۇھىم ئالاھىدىلىكتۇر. ھەرقانداق ئاقار جىسىمنىڭ ھەممىسى يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، پەقەتلا ئۇلارنىڭ يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىلا ئوخشىمايدۇ، خالاس. ئاز مىقداردىكى سۇ بىلەن گلىتسېرىننى تەكشى بولمىغان ئۈستەل يۈزىگە تۆككەندە، سۇنىڭ ئېقىشىنىڭ تېزراق، گلىتسېرىننىڭ ئېقىشىنىڭ ئاستىراق بولىدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ، بۇ، گلىتسېرىننىڭ يېپىشقاقلىقىنىڭ سۇنىڭكىدىن چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. گازلارمۇ يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ئەمما سۇيۇقلۇقلارنىڭكىدىن كۆپ كىچىك بولىدۇ. ئاقار جىسىملار ھەرىكەت قىلغاندا، ئاقار جىسىملارنىڭ ھەرقايسى قەۋەتلىرى ئارىسىدا نىسپىي سىيرىلىش بولىدۇ، ئاقار جىسىملارنىڭ يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيىتى سەۋەبىدىن، ئېقىش قەۋەتلىرى ئارىسىدا نىسپىي ھەرىكەتكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بىر خىل يېپىشقاقلىق قارشىلىق كۈچى مەۋجۇت بولىدۇ، بۇ يەنە ئاقار جىسىمنىڭ ئىچكى سۈركىلىش كۈچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېپىشقاقلىق قارشىلىق كۈچى ھەممە جايدا مەۋجۇت. ۋېلىسىپىت مىنىپ تېز ماڭغىنىڭىزدا ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىنى روشەن ھالدا ھېس قىلىسىز، بۇ ئەمەلىيەتتە يېپىشقاقلىق قارشىلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدىن ئىبارەت. ئاقار جىسىملارنىڭ يېپىشقاقلىق كۈچىنىڭ جىسىملارغا بولىدىغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، كىشىلەر پىكاپلارنى سۇيۇر شەكىللىك (ئاقما سىزىق شەكىللىك) قىلىپ ياسىغان، سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىمۇ دېلفىننىڭ شەكلىگە تەقلىد قىلىپ موكا شەكلىدە ياسىغان. يېپىشقاقلىق قارشىلىق كۈچنىڭ ھەممىسلا زىيانلىق بولۇۋەرمەيدۇ، ھەتتا بەزىدە يېپىشقاقلىق قارشىلىق كۈچى كەم بولسا بولمايدۇ. ئالىملار ئىلمىي تەتقىقات ئارقىلىق مۇنداق كۆرسەتتى: ئادەتتە تېزلىكى ناھايىتى كىچىك سېزىلىدىغان يامغۇر تامچىلىرى ناۋادا ھاۋانىڭ يېپىشقاقلىق كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىسا، 1mm قېلىنلىقتىكى پولات تاختىنى تېشىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئادەم بەدىنىنى زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ! ناۋادا ھاۋانىڭ يېپىشقاقلىق قارشىلىق كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىسا، ئاسمان سىرتىدىن يەر شارىغا ئۇچۇپ كەلگەن ئاقار يۇلتۇلار يەر شارىغا ئېغىر ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولاتتى.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى
ئاقار جىسىملارنىڭ يېپىشقاقلىق كۈچى | UyghurWiki | UyghurWiki