UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىئوپتىك تالا

ئوپتىك تالا

فىزىكا بىلىملىرى يورۇقلۇقنى توكقا ئوخشاش ئۆتكۈزگۈچ سىمنى بويلىتىپ ئۇزىتىش بولسا ھازىرقى زامان پېنىنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنىڭ بىرىدۇر. بىراق، بۇ خىل ئۆتكۈزگۈچ سىم ئادەتتىكى مېتال ئۆتكۈزگۈچ سىم بولماستىن، بەلكى بىر خىل ئالاھىدە ئەينەك سىمدىن ئىبارەت، كىشىلەر بۇنى ئوپتىك تالا دەپ ئاتاشتى.1870 - يىلى، ئەنگلىيىلىك ئالىم دىندا مۇنداق بىر قىزىقارلىق تەجرىبە ئىشلىگەن: سۇ ئېقىمىنى ئەينەك قاچىنىڭ يان دىۋارىدىكى ئىنچىكە ئېغىزدىن ئەركىن ئاققۇزۇپ، ئىنچىكە بىر دەستە نۇرنى گورىزونتال يۆنىلىشنى بويلىتىپ، ئوچۇق ئېغىزلىق جاينىڭ دەل ئۇدۇلىدىن سۇغا چۈشۈرگەندە، ئۇ ئىنچىكە نۇر دەستىسىنىڭ بۇ سۇ ئېقىمىدىن ئۆتۈپ ھاۋاغا چىقىپ كەتمەستىن، بەلكى سۇ ئېقىمىنى بويلاپ ئەگرى - بۈگرى تارقالغانلىقىنى بايقىغان. مانا بۇ يورۇقلۇقنىڭ تولۇق قايتىشىدىن كېلىپ چىققان نەتىجە. ئوپتىك تالا دەل مۇشۇ پرىنسىپقا ئاساسەن ياسالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى باھاسى ئەرزان كۋارتىس ئەينەكتىن ئىبارەت، ئالىملار بۇنى تارتىپ سوزۇپ دىئامتېىرى پەقەت نەچچە مىكروندىن نەچچە ئون مىكرونغىچە بولغان سىمغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى سۇندۇرۇش كۆرسەتكۈچى ئۇنىڭدىن كىچىك بولغان ماتېرىيال بىلەن بىر قەۋەت ئورىغان. چۈشۈش بۇلۇڭى مۇئەييەن شەرتنى قانائەتلەندۈرسىلا، يورۇقلۇق دەستىسى مۇشۇنداق ياسالغان ئوپتىك تالادا ئەگرى - بۈگرى ھالدا بىر ئۇچتىن يەنە بىر ئۇچقا تارقىلىپ چىقىدۇ، ئوتتۇرىدا چۈشۈپ قالمايدۇ. ئالىملار ئوپتىك تالانىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىكىنى دەسلەپ ئوپتىكىلىق ئالاقىلىشىشتا قوللاندى. بىر تال ئوپتىك تالا ناھايىتى كىچىك بىر يورۇقلۇق نۇقتىسىنىلا ئۇزىتىپ بېرەلەيدۇ، ئەگەر10 مىڭلىغان ئوپتىك تالانى رەتلىك تىزىپ بىر دەستە قىلىپ ھەم ھەربىر تال ئوپتىك تالانى ئىككى ئۇچىدىكى ئورۇندا بىرگە بىر ماس قىلسا، ئوپتىك كابېل ياسالغان بولىدۇ. ئوپتىك كابېل كابېلنىڭ ئورنىغا دەسىتىلىپ ئالاقىلىشىش ئېلىپ بېرىلسا تەڭداشسىز ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن،20 تال ئوپتىك تالادىن تۈزۈلگەن قېرىنداش قەلەم توملۇقىدىكى ئوپتىك كابېل ئارقىلىق كۈنىگە760 مىڭ ئادەم قېتىم تېلېفونلاشقىلى بولىدۇ.1800 تال مىس سىمدىن تۈزۈلگەن قاچا ئېغىزى توملۇقىدىكى كابېلدا كۈنىگە ئاران نەچچە مىڭ ئادەم قېتىم تېلېفونلاشقىلى بولىدۇ. ئوپتىك تالا يەڭگىل، تەننەرخى تۆۋەن، ياتقۇزۇش قۇلاي بولۇپلا قالماي، يەنە سىغىمچانلىقى چوڭ بولۇپ، كاشىلىغا تاقابىل تۇرالايدۇ، مۇقىم، ئىشەنچلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاشچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئوپتىك كابېل مىس سىملىق كابېلنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئالاقىلىشىش، تېلېۋىزىيە، رادىئو ئاڭلىتىش، قاتناش، ھەربىي ئىشلار، تېببىي داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلمەكتە. كىشىلەرنىڭ ئوپتىك تالاغا ئۇچۇر دەۋرىنىڭ نېرۋىسى دەپ نام بېرىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. مەملىكىتىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ قۇرغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بېيجىڭ - ۋۇخەن - گۇاڭجۇ ئالاقىلىشىش ئوپتىك كابېلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3074km بولۇپ،1993 - يىل10 - ئاينىڭ15 - كۈنى تۇتاشتۇرۇلدى، بۇ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئوپتىكىلىق ئالاقىلىشىشتىن تولۇق پايدىلىنىش دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى