ستېرېئولۇق كىنو ۋە پوليارىزاتسىيىلەنگەن (قۇتۇپلانغان) نۇر
فىزىكا بىلىملىرى
ستېرېئولۇق كىنونى كۆرگەندە، يۇقىرى سۈرئەتتە مېڭىۋاتقان پويىز سىزگە ئېتىلىپ كېلىۋاتقاندەك، رەڭلىك ھاۋا شارلىرى ئېكراندىن بېشىڭىزنىڭ ئۈستىگە قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ … ستېرېئولۇق كىنونىڭ مۇشۇنداق ئەينەنلىك تۇيغۇنى ھاسىل قىلىشنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭدا نۇرنىڭ قۇتۇپلىنىشىدىن پايدىلىنىلغانلىقىدا.
ياۋروپادىكى شىمالىي دېڭىزدا بىر ئارال بولۇپ، ئۇنىڭ نامى مۇز ئارال. بۇ ئارالدىن سۈزۈك، پارقىراق بىر خىل كرىستال چىققاچقا، كىشىلەر بۇنى مۇز ئارال كرىستالى (iceland crystal) دەپ ئاتاشقان، ياۋروپادىكى باي ئاياللار ئۇنى مونچاقتىكى زىننەت بۇيۇمى قىلغان.19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى مەلۇم بىر كۈنى، فرانسىيىلىك ئالىم مارىيۇس پارىژدىكى ليۇكسېمبورگ سارىيىدا، توساتتىن بىر پارچە مۇز ئارال كرىستالىنى ئالدىغا قويۇپ، بىر تەرەپتىن ئايلاندۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ساراينىڭ ئەينەك دېرىزىسىدىن قايتقان قۇياش تەسۋىرىگە قاراپ، مۇز ئارال كرىستالىنىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، قۇياش تەسۋىرىنىڭ بىردەم يورۇق، بىر دەم خىرە بولغانلىقىنى بايقىغان. مارىيۇس بۇ خىل يورۇقلۇق كۈچلۈكلۈكىنىڭ يۆنىلىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىش ھادىسىسىنى يورۇقلۇقنىڭ قۇتۇپلىنىش ھادىسىسى دەپ ئاتىغان. مۇز ئارال كرىستالىدىن ئۆتكەن يورۇقلۇق پوليارىزاتسىيىلەنگەن (قۇتۇپلانغان) يورۇقلۇق دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەگەر ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى ئىشىك تۇتقۇچىغا چىگىپ، يەنە بىر ئۇچىنى قول بىلەن سىلكىسەك، بىر خىل توغرا دولقۇن ھاسىل بولىدۇ. يورۇقلۇق دولقۇنى مانا مۇشۇنداق توغرا دولقۇندىن ئىبارەت. ئالىملار يورۇقلۇق دولقۇنىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن، ئاجايىپ ستېرېئولۇق كىنونى لايىھىلىگەن. ستېرېئولۇق كىنونى سۈرەتكە ئالغان ۋە قويغاندا ئالاھىدە ئىشلەنگەن قوش ئوبيېكتىپلىق ئۈسكۈنىدىن پايدىلىنىدۇ، ئۇ ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ كۆزىتىش بۇلۇڭىنى تەقلىد قىلىپ بىرلا ۋاقىتتا ئوڭ - سول ئىككى قىسمى ئازراق پەرقلىنىدىغان فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ، ئاندىن بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بىر ئېكراندا قويۇلىدۇ. تاماشىبىنلارنى ستېرېئولۇق تەسۋىرنى كۆرەلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن، يەنە ئامال قىلىپ ئۇلارنى سول كۆز بىلەن سول ئاپپارات چىقارغان تەسۋىرنى، ئوڭ كۆز بىلەن ئوڭ ئاپپارات چىقارغان تەسۋىرنى كۆرەلەيدىغان قىلىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن قۇتۇپلانغان نۇردىن پايدىلىنىلىدۇ. ستېرېئولۇق كىنو قويۇش ئاپپاراتى ئوخشىمىغان قۇتۇپلىنىش يۆنىلىشىدىكى ئىككى دەستە قۇتۇپلانغان نۇرنى چىقىرىدۇ. تاماشىبىنلار ئالاھىدە كۆزەينەك تاقايدۇ. بۇ كۆزەينەكنىڭ ئىككى پارچە ئەينىكىنىڭ ھەربىرى پەقەت بىر دەستە قۇتۇپلانغان نۇرنى ئۆتكۈزىدۇ، يەنە بىر دەستە قۇتۇپلانغان نۇر سۈمۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئېكراندىن ئۆزئارا ماسلاشقان ئىككى پارچە تەسۋىر (سۈرەت) كۆرۈنۈپ ئايرىم - ئايرىم ئوڭ - سول ئىككى كۆزدىن ئۆتۈپ چوڭ مېڭىگە كىرىپ، ئادەم ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرغاندەك بىر خىل ستېرېئولۇق سېزىمغا ئىگە بولىدۇ.