ئىسسىقلىق ئىش ئېكۋىۋالېنتى ۋە جوئۇل
فىزىكا بىلىملىرى
بىر تال تۆمۈر سىمنى باشقا جىسىمغا سۈركىگەندە، تۆمۈر سىم قىزىيدۇ. تۆمۈر سىمنى ئىسسىق سۇغا سالسىمۇ، تۆمۈر سىم قىزىيدۇ. دېمەك، ئىش ئىشلەش ۋە ئىسسىقلىق ئۇزىتىش ئارقىلىق تۆمۈر سىمدا ئوخشاش ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغىلى، يەنى تۆمۈر سىمنى قىزىتقىلى بولىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ئىش ئىشلەشنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بىلەن ئىسسىقلىق ئۇزىتىشنىڭ ئاز - كۆپلۈكى ئارىسىدا مۇئەييەن سانلىق مۇناسىۋەت بولامدۇ - يوق؟
ئىش بىلەن ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەڭ بالدۇر تەتقىق قىلغان كىشى ئەنگلىيىلىك فىزىكا ئالىمى جوئۇل. ئۇ19 - ئەسىرنىڭ40 - يىللىرىدىن باشلاپ،40 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ400 قېتىمدىن ئارتۇق تەجرىبە ئىشلەپ، ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئىش بىلەن ئىسسىقلىق مىقدارى ئارىسىدىكى سانلىق مىقدارلىق مۇناسىۋىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆلچەپ چىققان. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: پەقەت مۇئەييەن سانلىق مىقداردا مېخانىك ئىش ئىشلەنسىلا، ھامان بۇ ئىشقا ماس بولغان ئىسسىقلىق مىقدارىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كۆپ قېتىملىق تەجرىبە نەتىجىلىرى شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، ئىسسىقلىق ئۇزىتىش بولمىغان ئەھۋالدا، سەرپ بولغان مېخانىك ئىش ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق مىقدارى بىلەن ھامان ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ ھەم ئىش بىلەن ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ نىسبەت قىممىتى بىر تۇراقلىق قىممەت بولىدۇ.
كېيىن نۇرغۇن ئىلمىي تەجرىبە نەتىجىلىرى شۇنى ئىپادىلىدىكى:1 كالورىيە (ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ بىرلىكى) ئىسسىقلىق سەرپ قىلىپ2 .4 جوئۇل (ئىشنىڭ بىرلىكى) ئىش ئىشلىگىلى بولىدۇ؛ ئەكسىچە،2 .4 جوئۇل ئىش ئىشلەپ1 كالورىيە ئىسسىقلىق ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. دېمەك،1 كالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارى2 .4 جوئۇل ئىشقا تەڭداش بولىدۇ. بۇ تەڭداشلىق مۇناسىۋەت فىزىكىدا ئىسسىقلىقنىڭ ئىش ئېكۋىۋالېنتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىسسىقلىق مىقدارى بىلەن ئىش ئوتتۇرىسىدىكى سۇندۇرۇپ ھېسابلاش مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلدى.
ئىسسىقلىقنىڭ ئىش ئېكۋىۋالېنتىنى ئۆلچەش تەبىئەتتىكى بىر ئومۇمىي قانۇنىيەت − ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش ۋە ئايلىنىش قانۇنىنىڭ تىكلىنىشىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىسسىقلىقنىڭ ئىش ئېكۋىۋالېنتىنى ئەڭ بالدۇر ئۆلچىگەن فىزىكا ئالىمى جوئۇلنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، كىشىلەر جوئۇلنىڭ ئىسمى (Joule) نىڭ بىرىنچى چوڭ ھەرىپى J ئارقىلىق ئىسسىقلىقنىڭ ئىش ئېكۋىۋالېنتىنى ئىپادىلىدى، بۇ2 .4=1J
دەپ يېزىلىدۇ («جوئۇل ھەر كالورىيە» دەپ ئوقۇلىدۇ).