UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىكۆرۈنمەيدىغان ئېلېكتر مەيدانى ۋە ماگنىت مەيدانى

كۆرۈنمەيدىغان ئېلېكتر مەيدانى ۋە ماگنىت مەيدانى

فىزىكا بىلىملىرى ئادەم ھارۋىنى تارتقاندا، ئادەمنىڭ ھارۋىغا بولغان تارتىش كۈچى ھارۋىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ؛ ئات ھارۋىنى تارتقاندا، ئاتنىڭ ھارۋىغا بولغان تارتىش كۈچى ئارغامچا ئارقىلىق ھارۋىغا تەسىر قىلىدۇ. ئۇنداقتا زەرەتلىك ئەينەك تاياقچە قانداق ماددا ئارقىلىق قەغەز ئۇۋاقلىرىنى ئۆزىگە تارتىدۇ؟ بۇ يەردە كۆرۈنمەيدىغان بىر خىل ماددا بار بولۇپ، ئۇ ئېلېكتر مەيدانى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىلمىي تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، زەرەتلىك جىسىمنىڭ ئەتراپىدىكى بوشلۇق بىلەن زەرەتسىز جىسىم ئەتراپىدىكى بوشلۇق ئوخشاش بولمايدۇ، زەرەتلىك جىسىم ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا ئېلېكتر مەيدانى مەۋجۇت بولغاچقا، زەرەتلىك جىسىملار ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر دەل ئېلېكتر مەيدانىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ماددا ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئوخشاشلا، ماگنىت تۆمۈر مىخ بىلەن تېگىشمەي تۇرۇپلا، تۆمۈر مىخنى ئۆزىگە تارتىدۇ. بۇ، ماگنىت ئەتراپىدىمۇ بىر خىل ماددا مەۋجۇت بولۇپ، ماگنىت كۈچىنى ئۇزىتىدىغان ۋاسىتە قىلىنىدۇ، بۇ خىل ماددا دەل ماگنىت مەيدانىدۇر. ماگنىتلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىرمۇ ماگنىت مەيدانى ئارقىلىق يۈز بېرىدۇ. ئېلېكتر مەيدانى بىلەن ماگنىت مەيدانى ماددىلار مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئالاھىدە ھالىتى بولۇپ، ئۇنى كۆرگىلى ھەم تۇتقىلى بولمايدۇ. ئۇلار پەقەت زەرەتلەر ياكى ماگنىت بىلەن تەسىرلەشكەندىلا، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. زەرەتلىك بىر مېتال شارچىنى يىپەك يىپنىڭ ئاستىغا ئېسىلغان مۇسبەت زەرەتلىك شارچىغا يېقىنلاشتۇرغاندا، شارچە مېتال شارچىنىڭ ئېلېكتر مەيدانىنىڭ تەسىرىدە ئەسلىدىكى ئورنىدىن ئېغىشىدۇ؛ بەزى ماگنىت ئىسترېلكىلىرىنى تاياقسىمان ماگنىتنىڭ ئەتراپىغا قويساق، بۇ ماگنىت ئىسترېلكىلىرى تىنچ تۇرغاندا جەنۇب بىلەن شىمالنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ماگنىت ئىسترېلكىلىرى ماگنىتنىڭ ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن بولىدۇ. خۇددى بىزگە مەلۇم بولغان توك (ئېلېكتر) نىڭ ماگنىت ھاسىل قىلىدىغانلىقى، ماگنىتنىڭ توكنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىغا ئوخشاش، ئېلېكتر مەيدانى بىلەن ماگنىت مەيدانىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن زىچ بولۇپ، ئادەتتە ئېلېكتر مەيدانى بىلەن ماگنىت مەيدانى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئېلېكتر ماگنىت مەيدانى دەپ ئاتىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئېلېكتر ماگنىت مەيدانىنى تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى بايقالدى. ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى زەرەتلەر ۋە ماگنىتتىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ ھەم يورۇقلۇق تېزلىكى بويىچە تارقىلىدۇ. بىز رادىئو قوبۇللىغۇچتىن ئاڭلىغان ئاۋازلار، تېلېۋىزور ئېكرانىدىن كۆرگەن تەسۋىر (سۈرەت) لەرنىڭ ھەممىسىنى رادىئو ئىستانسىسى بىلەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى