UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىچاقماق چېقىش ھادىسىسى

چاقماق چېقىش ھادىسىسى

فىزىكا بىلىملىرى سۈركىلىشتىن زەرەتلىنىش ھادىسىسىنى تەتقىق قىلغاندا كىشىلەر شۇنى بايقىدىكى، مۇسبەت زەرەتلىك جىسىم بىلەن مەنپىي زەرەتلىك جىسىم يېقىنلاشقاندا، دائىم ئۇچقۇنلىنىش يۈز بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پاراسلىغان ئاۋاز چىقىدۇ، بۇ خىل ھادىسە زەرەت قويۇپ بېرىش (زەرەتسىزلىنىش) دەپ ئاتىلىدۇ. يۇڭ - نىترىلون پوپايكا (ئىچىمىزگە كىيگەن داكرون كۆڭلەك) لارنى بەدەندىن سالغان چاغدا، پىرىسلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ؛ ئەگەر قاراڭغۇ بولسا، يالتىراق نۇر كۆرۈنىدۇ، مانا بۇ سۈركىلىشتىن كېلىپ چىققان زەرەت قويۇپ بېرىش ھادىسىسى. چاقماق چېقىپ يامغۇر ياغقاندا، ئاسماندا چاقماق چېقىپ گۈلدۈرماما ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، بۇ بىر خىل چوڭ كۆلەملىك زەرەت قويۇپ بېرىش ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. ئاسمان بوشلۇقىدىكى بۇلۇتلار نۇرغۇنلىغان ئۇششاق سۇ تامچىلىرى، كىچىك مۇز كرىستاللىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ، بۇ، بۇلۇت تامچىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاسماندا گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرلۇق بۇلۇتلار شەكىللەنگەندە، ھاۋا ئېقىمىنىڭ ھەرىكىتى ئىنتايىن جىددىي بولىدىغانلىقتىن، بۇلۇت تامچىلىرى ئۆزئارا سوقۇلۇپ، پارچىلىنىپ ياكى بىرىكىپ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان بۇلۇت تامچىلىرى ھاسىل بولىدۇ. كۆزىتىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كىچىك بۇلۇت تامچىلىرىنىڭ مەنپىي زەرەتلىنىدىغانلىقى، چوڭ بۇلۇت تامچىلىرىنىڭ مۇسبەت زەرەتلىنىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. كىچىك بۇلۇت تامچىلىرى يېنىك بولغاچقا، يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان ھاۋا ئېقىمى تەرىپىدىن ئوڭايلا بۇلۇتنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا ئېلىپ چىقىلىدۇ، چوڭ بۇلۇت تامچىلىرى ئېغىر بولغاچقا، كۆپىنچىسى بۇلۇتنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇلۇتنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىسىملىرى ئوخشىمىغان خۇسۇسىيەتلىك زەرەتلەر بىلەن زەرەتلىنىدۇ. ھاۋا ئېقىمى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلاپ - تۆۋەنلەپ، چۆرگىلەپ يۈرىدۇ، بۇلۇت تامچىلىرىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز پارچىلىنىپ، بىرىكىپ، ئوخشىمىغان قىسىملاردا يىغىلغان زەرەتلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرلۇق بۇلۇتنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى مەنپىي زەرەتلەر بىلەن تۆۋەنكى قىسمىدىكى مۇسبەت زەرەتلەر يىغىلىپ مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندە، ئىككى بۇلۇت پارچىسى ئارىسىدا شىددەتلىك زەرەت قويۇپ بېرىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، زور ئېلېكتر ئۇچقۇنى بوشلۇقنى يېرىپ ئۆتىدۇ، مانا بۇ كىشىلەرگە كۆرۈنىدىغان چاقماق چېقىشتىن ئىبارەت. زەرەت قويۇپ بەرگەندە ھاۋانىڭ كۈچلۈك تەۋرىنىشى كېلىپ چىقىپ، كىشىلەرگە ئاڭلىنىدىغان گۈلدۈرماما ئاۋازىنى چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، چاقماق چېقىش بىلەن گۈلدۈرماما ئاۋازى تەڭلا ھاسىل بولىدۇ، پەقەتلا يورۇقلۇق دولقۇنى ئاۋاز دولقۇنىدىن تېز تارقىلىدىغانلىقتىن، بىز ھامان ئاۋۋال چېقىلغان چاقماقنى كۆرۈپ ئارقىدىن گۈلدۈرماما ئاۋازىنى ئاڭلايمىز. ئەگەر زەرەت قويۇپ بېرىش ھادىسىسى بۇلۇت بىلەن يەر ئارىسىدا يۈز بەرسە، بۇ «يەرگە چۈشكەن چاقماق» تىن ئىبارەت بولىدۇ. «يەرگە چۈشكەن چاقماق» ئېگىزرەك جىسىم، مەسىلەن، ئېگىز بىنا قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئۇلار گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرلۇق بۇلۇتنىڭ ئاستىنقى قىسمىغا يېقىنراق بولغانلىقتىن، بىنانىڭ چوققا قىسمى بۇلۇتنىڭ ئىچىدىكىسى بىلەن قارىمۇقارشى خۇسۇسىيەتلىك بولغان زەرەت بىلەن زەرەتلىنىدۇ، بۇلۇت پارچىسى بىناغا يېقىنلاپ مۇئەييەن ئارىلىققا يەتكەندە، زەرەت قويۇپ بېرىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. »يەرگە چۈشكەن چاقماق« بەزىدە ئۆيلەرنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ، شۇڭلاشقا ئېگىز بىنا - قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۈستىگە چاقماق قايتۇرغۇچ ئورنىتىلىپ، زىيان - زەخمەت كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى
چاقماق چېقىش ھادىسىسى | UyghurWiki | UyghurWiki