UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىتوك قوڭغۇرىقى ۋە ئېلېكتر ماگنىت

توك قوڭغۇرىقى ۋە ئېلېكتر ماگنىت

فىزىكا بىلىملىرى توك قوڭغۇرىقىنىڭ توختىماي جىرىڭلىشى ئاساسلىق ئېلېكتر ماگنىتىنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ. كۆپچىلىككە مەلۇم، ماگنىت ماگنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، تۆمۈر، كۇبالت قاتارلىق ماددىلارنى ئۆزىگە تارتالايدۇ. ئەگەر ئىزولياتسىيلەنگەن ئۆتكۈزگۈچ سىمنى تاقىسىمان تۆمۈر ئۆزەككە ئوراپ، ئۆتكۈزگۈچ سىمدىن توك ئۆتكۈزگەندە، تۆمۈر ئۆزەكنىڭ ئىككى قۇتۇپىمۇ چوڭ يىڭنىمىخ، كىچىك تۆمۈر مىخ، تۆمۈر ئۇۋۇندىلىرىنى ئۆزىگە تارتالايدۇ. بۇ، تۆمۈر ئۆزەكنىڭمۇ ماگنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. توك توختىغاندا، تۆمۈر ئۆزەككە تارتىلغان نەرسىلەر چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ، توك ئۆتكەن ئۆتكۈزگۈچ سىمنىڭمۇ ماگنىتقا ئوخشاش رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ خىل ھادىسە توكنىڭ ماگنىت ئېففېكتى دەپ ئاتىلىدۇ. كىشىلەر ئىزولياتسىيىلەنگەن ئۆتكۈزگۈچ سىم ئورالغان تۆمۈر ئۆزەكنى ئېلېكتر ماگنىت دەپ ئاتىدى. تۆمۈر ئۆزەكنى U شەكىللىك (ئىلگىرى تاقىسىمان دېيىلەتتى) قىلىشتىن مەقسەت، ئۇنىڭ ئىككى ماگنىت قۇتۇپىنى ماگنىتلىق جىسىمنى تەڭلا تارتىدىغان ھەم تېخىمۇ كۈچلۈك تارتىدىغان قىلىشتىن ئىبارەت. توك قوڭغۇرىقى ئېلېكتر ماگنىتتىن پايدىلىنىش ئاساسىدا ئىشلەيدۇ. رەسىمدىكى ① ئېلېكتر ماگنىت، ② پۇرژىنىلىق پلاستىنكا، ③ بۇرما مىخ، ④ تارتىلما تۆمۈر بولۇپ، تارتىلما تۆمۈر بىلەن بۇرما مىخنىڭ ئۇچى تېگىشىپ ناھايىتى يېقىن تۇرىدۇ. كۇنۇپكىنى بېسىپ ئېلېكتر زەنجىرىنى تۇتاشتۇرغاندا، ئېلېكتر ماگىنىت ماگنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ - دە، پۇرژىنىلىق پلاستىنكىدىكى تارتىلما تۆمۈرنى ئۆزىگە تارتىپ، تارتىلما تۆمۈرگە ئۇلانغان كىچىك بولقا قوڭغۇراققا بىرنى ئۇرىدۇ. بۇ چاغدا تارتىلما تۆمۈر بىلەن بۇرما مىخنىڭ ئۇچى ئايرىلىپ كېتىپ، ئېلېكتر زەنجىرى ئۈزۈلۈپ، ئېلېكتر ماگنىت ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىپ، پۇرژىنىلىق پلاستىنكا قاڭقىپ قايتىپ كېتىدۇ. تارتىلما تۆمۈر يەنە بۇرما مىخقا تېگىشىپ، ئېلېكتر زەنجىرى يەنە تۇتىشىدۇ - دە، بۇنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈشى بىلەن كىچىك بولقا قوڭغۇراقنى يەنە بىر قېتىم سوقىدۇ. مانا مۇشۇنداق، قولىمىز بىلەن كۇنۇپكىنى بېسىپ تۇرساق، توك مۇشۇنداق بىر ئۇلىنىپ - بىر ئۈزۈلۈپ دەۋرىي ھالدا داۋاملىشىدۇ - دە، قوڭىغۇراقمۇ ئۈزلۈكسىز جىرىڭلاپ تۇرىدۇ. ئېلېكتر ماگنىتنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىنى توكنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقى ئارقىلىق تىزگىنلەشكە بولغاچقا، ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ئەپلىك. ناۋادا ئېلېكتر ماگنىتلىق كراندا چوڭ بىر پارچە ماگنىت بار بولسا، ئۇنىڭدىن ناھايىتى كۈچلۈك توك ئۆتكۈزۈلسە، بىر قېتىمدىلا نەچچە توننا ئېغىرلىقتىكى پولات ماتېرىياللىرىنى ئۆزىگە تارتىۋالىدۇ - دە، ئۇنى كۆزلىگەن ئورۇنغا يۆتكىگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى