UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىبۇرۇلۇش ۋە مەركەزگە ئىنتىلمە كۈچ

بۇرۇلۇش ۋە مەركەزگە ئىنتىلمە كۈچ

فىزىكا بىلىملىرى ۋېلىسىپىت مىنىپ جىددىي بۇرۇلغاندا، ئادەم بىلەن ۋېلىسىپىت ئەگىم يولنىڭ ئىككى يېقىغا قىيسىيىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئاۋۋال مۇنداق بىر ئاددىي تەجرىبە ئىشلەپ كۆرەيلى: بىر تال ئىنچىكە تانىنىڭ بىر ئۇچىغا بىر شارچىنى باغلاپ، يەنە بىر ئۇچىنى قولىمىز بىلەن تۇتۇپ، ئاندىن تانىنى پۇلاڭلىتىپ، شارچىنى قولىمىزنى چۆرگىلىتىپ چەمبەر بويلىما تەكشى ھەرىكەت قىلدۇرساق، بۇ چاغدا تانىدا بىر تارتىش كۈچىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى سېزىمىز. ئەگەر قولىمىزنى بوشىتىۋەتسەك، شارچە تارتىش كۈچىدىن ئايرىلىدۇ - دە، ئۇچۇپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، جىسىمنى چەمبەر بويلىما ھەرىكەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم جىسىمغا نىسبەتەن چەمبەر مەركىزىگە قارىتىلغان بىر كۈچ بېرىش كېرەك، بۇ كۈچ مەركەزگە ئىنتىلمە كۈچ دەپ ئاتىلىدۇ. ۋېلىسىپىت مىنىپ كېتىۋېتىپ بۇرۇلۇشمۇ بىر خىل چەمبەر بويلىما ھەرىكەت بولۇپ، ۋېلىسىپىتكە قارىتا مەركەزگە ئىنتىلمە بىر كۈچ بېرىش كېرەك. ئۇنداقتا، بۇ مەركەزگە ئىنتىلمە كۈچنى نېمە تەمىنلەپ بېرىدۇ؟ بۇرۇلغاندا، ۋېلىسىپىت بىلەن ئادەم ئەگىم يولنىڭ ئىچكى يېقىغا قىيسىيىدۇ - دە، ئادەم بىلەن ۋېلىسىپىتنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ مۇنداق ئىككى رولى بولىدۇ: بىرى، ۋېلىسىپىت چاقىنىڭ يانتۇ يۇقىرىسىدىن ئۆتۈپ، يەر يۈزىنىڭ تىرەش كۈچى بىلەن تەڭپۇڭ بولىدۇ؛ يەنە بىرى، ئەگىم يولنىڭ ئىچكى يېقىغا يۆنەلگەن يۆنىلىشتە بولۇپ، بۇرۇلۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان مەركەزگە ئىنتىلمە كۈچنى تەمىنلەيدۇ. ئەگىم يولنىڭ ئەگىملىكى قانچە چوڭ، ۋېلىسىپىتنىڭ تېزلىكى قانچە چوڭ بولسا، لازىم بولىدىغان مەركەزگە ئىنتىلمە كۈچ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بۇ چاغدا ۋېلىسىپىت مىنگەن ئادەم ئۆزلۈكىدىن بەكرەك قىيسىيىپ، تېخىمۇ چوڭ بولغان مەركەزگە ئىنتىلمە كۈچكە ئېرىشىدۇ. شۇنى قىياس قىلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر بەدەننى ئەگىم يولنىڭ ئىچكى يېقىغا قىيسايتماي، پەقەت ۋېلىسىپىت رولىنىڭ يۆنىلىشىنىلا ئۆزگەرتسە، ئادەم بەدىنى ئىنېرتسىيە تۈپەيلىدىن ئەگىم يولدىن ئايرىلىدۇ - دە، ئەسلىدىكى تۈز سىزىق بويىچە ئىلگىرىلەيدۇ. نەتىجىدە، ئادەم بىلەن ۋېلىسىپىت بىرلىكتە ئەگىم يولنىڭ سىرتقى يېقىغا يىقىلىپ چۈشىدۇ. مۇسابىقىلىشىپ يۈگۈرگەن ھەم مۇز تېيىلغان تەنھەرىكەتچى ئەگىم يولدىن ئۆتكەن، ئاپتوموبىل، پويىزلارنىڭ بۇرۇلغاندىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىسمەن چەمبەر بويلىما ھەرىكەت دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئاپتوموبىل بۇرۇلغاندا كېرەك بولغان مەركەزگە ئىنتىلمە كۈچ بولسا يەر يۈزىنىڭ ئاپتوموبىل چاقىغا بولغان سۈركىلىش كۈچىدىن ئىبارەت بولىدۇ. تۆمۈريولنىڭ بۇرۇلغان جايىدا سىرتقى ياقتىكى رېلىس ئىچكى ياقتىكى رېلىستىن ئېگىزرەك قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت مېڭىپ ئۆتىدىغان پويىزنى قىيسايتىپ، زۆرۈر بولغان مەركەزگە ئىنتىلمە كۈچكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. سېرك ئارتىسى موتسىكلىتنى تامدا ئۇچۇرۇپ مېڭىش نومۇرىنى كۆرسەتكەندە، يۇقىرى سۈرئەتلىك موتسىكلىت سىلىندىر شەكىللىك تىك تامدا ئۇچقاندەك ماڭىدۇ، ئادەم بىلەن موتسىكلىت قىيسىيىپ گورىزونتال يۆنىلىشكە پاراللېل دېگۈدەك بولىدۇ، بۇنداق قىيسىيىش دەل يېتەرلىك مەركەزگە ئىنتىلمە كۈچ بىلەن تەمىنلىنىپ، ئادەم بىلەن موتسىكلىتنىڭ بىخەتەر ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى