چوڭقۇر دېڭىزنىڭ يۇقىرى بېسىملىق توسۇقى
فىزىكا بىلىملىرى
دېڭىز بىر گۆھەر ماكان (ئېچىلىڭ داستىخىنىم) بولسا، يەنە خەتەرلىك يۇقىرى بېسىملىق دۇنيا ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بېسىمى دېڭىز سۈيىنىڭ چوڭقۇر - تېيىزلىقىغا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتقى يۈزىنى20 مىڭ كۋادرات سانتىمېتىر بويىچە ھېسابلىغاندا، ئادەم دېڭىز سۈيىگە 10m چۆكسە، ئادەم بەدىنى20 مىڭ كىلوگرام بېسىم كۈچىگە ئۇچرايدۇ؛ دېڭىز سۈيى ھەر 10m چوڭقۇرلىسا، يەنە20 مىڭ كىلوگرام بېسىم كۈچى ئاشىدۇ. بەزىلەرنىڭ »دېڭىزغا چۆكۈش ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس« دېگىنى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
ئۇنداقتا، غەۋۋاسلار يەنە قانداق قىلىپ ناھايىتى چوڭقۇر دېڭىزغا چۆكەلەيدۇ؟ ئەسلىدە، دېڭىزغا چۆككەندە كىشىلەر سىقىلغان ھاۋانى سۈمۈرۈپ، بەدىنىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى بېسىملارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر سۇ بېسىم كۈچىنىڭ ئادەمنى زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلىنىدۇ.
ئەمما، يۇقىرى بېسىملىق ھاۋا ئادەم تېنىگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، قان ئايلىنىش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەندىكى ھۈجەيرە توقۇلمىلىرىغا سىڭىپ كىرىدۇ. ئەگەر غەۋۋاس سۇ يۈزىگە تېز سۈرئەتتە لەيلەپ چىقسا، يۇقىرى بېسىملىق ھاۋانى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالىدۇ - دە، ھۈجەيرە توقۇلمىلىرىدا گاز (ھاۋا) كۆپۈكچىلىرى شەكىللىنىپ، ئادەمنى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەندۈرىدۇ، ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، غەۋۋاسلار تېيىز دېڭىزغا چۆككەندە، ئاستا - ئاستا تۆۋەنلەش ۋە ئۆرلەش ئارقىلىق دېڭىز سۈيىنىڭ بېسىم كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشى كېرەك. ئەگەر چوڭقۇر دېڭىزغا چۆكمەكچى بولسا، چوقۇم ئالاھىدە ياسالغان بىر خىل ئۈسكۈنە − سۇغا چۆكۈش سائىتى ئىچىدە بېسىم ئاشۇرۇش ۋە بېسىم تۆۋەنلىتىشنى تاماملىشى لازىم. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، غەۋۋاسلار ئىشلىتىدىغان سىقىلغان ھاۋا5 −6 ئاتموسفېرا بېسىمى ئىچىدە چەكلىنىشى لازىم.6 ئاتموسفېرا بېسىمىدىن ئېشىپ كەتكەن سىقىلغان ھاۋانىڭ تەركىبىدىكى ئازوت گازى ئادەمگە زىيانلىق بولغان بىر خىل مەست قىلغۇچى خۇرۇچقا ئايلىنىپ قالىدۇ، ئوكسىگېنمۇ ئادەمگە زىيانلىق گازغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىقىلغان ھاۋادىن نەپەسلەنگەندە، سۇغا چۆكۈش چوڭقۇرلۇقى 50m ئەتراپىدا بولالايدۇ.1924 - يىلى، ئالىملار يۇقىرى بېسىملىق بىر خىل گېلىي - ئوكسىگېن ئارىلاشما گازىنى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، سۇغا چۆكۈش رېكورتىنى چوڭ بىر قەدەم ئىلگىرىلەتتى. ھازىرغا قەدەر، غەۋۋاسلارنىڭ دېڭىز - ئوكيانلارغا بىۋاسىتە كىرىش ئەڭ چوڭ چوڭقۇرلۇقى 501m بولماقتا، ئەمەلىيەتتە سۇغا چۆكۈش چوڭقۇرلۇقى ئومۇمەن پەقەت300 نەچچە مېتىر بولۇۋاتىدۇ. بۇنى دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ ئەڭ چوڭ چوڭقۇرلۇقى11034m غا سېلىشتۇرغاندا پەرقى ئىنتايىن چوڭ، ئىنسانىيەتنىڭ چوڭقۇر دېڭىزغا چۆكۈشى ئۈچۈن يەنىلا داۋاملىق جاپالىق تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.