UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىئاكتىپ سۇ

ئاكتىپ سۇ

فىزىكا بىلىملىرى ئادەتتىكى سۇ تەركىبىدە مۇئەييەن مىقداردا گاز بولىدۇ، گاز مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بېقىپ ئوخشاش بولمايدۇ. ئېغىزى ئوچۇق قاچىدا سۇنى ℃95~℃90 قىچە قىزدۇرغاندا، سۇدىكى گازلار ئۇچۇپ كېتىدۇ؛ ئەگەر ياپقۇچ بىلەن قاچا ئېغىزىنى يېپىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا »گاز سۈمۈرتمەي«، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ ئۆي تېمپېراتۇرىسىغا چۈشۈرگەندە، سۇدىكى گاز مىقدارى ئازىيىپ ئادەتتىكى سۇنىڭ يېرىمىچىلىك بولىدۇ. بۇ خىل سۇ گازسىزلانغان سۇ دەپ ئاتىلىدۇ. گازسىزلانغان سۇنىڭ سىرتقى يۈزلۈك كېرىلىش كۈچى، زىچلىقى، يېپىشقاقلىقى ۋە توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى قاتارلىق فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىدە ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئۇ ھۈجەيرە پەردىسىنى تېشىپ ئۆتۈپ ھۈجەيرىگە ئاسانلا كىرەلەيدۇ، ئۇنىڭ سىڭىپ ئۆتۈش مىقدارى ئادەتتىكى سۇنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، يەنە ئاكتىپ سۇ دېيىلىدۇ. ئاكتىپ سۇنىڭ جانلىقلارغا قارىتا ئالاھىدە رولى بولىدۇ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەپەسلىنىشى ۋە فوتوسىنتېز رولىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاكتىپ سۇغا چىلانغان بۇغداي، قىزىلچا ئۇرۇقلىرىنى تېرىغاندا، مەھسۇلاتنى %20~%30 ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ ئاكتىپ سۇ بىلەن كۆكتات، زىرائەت، مېۋە دەرىخى قاتارلىقلارنى سۇغارغاندا، مەھسۇلاتنى كۆپلەپ ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۆي قۇشلىرى، ئۆي ھايۋانلىرىنى ئاكتىپ سۇ بىلەن باقسا، ئېغىرلىقىنى تېز ئاشۇرۇپ، يەم - خەشەكتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىقتا ئاكتىپ سۇدىن پايدىلىنىش بارغانسېرى كېڭەيمەكتە. ئاكتىپ سۇغا قىزدۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئېرىشىشتىن باشقا، يەنە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق گازسىزلاپ ئېرىشكىلىمۇ بولىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەركەزدىن قاچما ئۇسۇلى ئارقىلىق گازسىزلاش ئۇسۇلىمۇ بار، يەنى مەركەزدىن قاچما كۈچنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ سۇدىن گازنى ئاجرىتىۋېلىشتىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى
ئاكتىپ سۇ | UyghurWiki | UyghurWiki