يەلكەنلىك كېمىنىڭ شامالغا قارشى يۈرۈشى − كۈچلەرنى قوشۇش ۋە ئاجرىتىش
فىزىكا بىلىملىرى
شامال كۈچىگە تايىنىپ يۈرىدىغان يەلكەنلىك كېمە ئىلگىرى سۇ قاتنىشىدىكى ئاساسلىق قورال ئىدى. شامال يۆنىلىشى بويىچە يۈرسە، تەبىئىيلا «ئوڭۇشلۇق» بولىدۇ، تەتۈر شامالغا ئۇچرىغاندىمۇ يەلكەننى چىقىرىپ ئىلگىرىلەشكە مۇمكىن بولاتتى.
يەلكەنلىك كېمە شامالغا قارشى يۈرگەندە، كېمە بېشىنىڭ يۆنىلىشى شامالنىڭ يۆنىلىشى بىلەن مەلۇم بۇلۇڭ ھاسىل قىلىنىدۇ. شامال يەلكەن يۈزىگە يانتۇ ئۇرۇلغاندا، ھامان يەلكەن يۈزىگە تىك ئۇرۇلىدىغان بىر بېسىم كۈچنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ كېمىگە قارىتا تۆۋەندىكىدەك ئىككى تەسىرنى ھاسىل قىلىدۇ: بىرى، رەسىمدىكى ئىسترېلكا P كۆرسەتكەندەك، يەلكەنلىك كېمىنى توغرا يۆنىلىشتە ھەرىكەتلىنىشكە يۈزلەندۈرىدۇ. كېمە گەۋدىسىنىڭ توغرا يېقىنىڭ يۈزى چوڭراق بولىدىغانلىقتىن، كېمىنىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى ھەرىكىتى ئۇچرايدىغان سۇنىڭ قارشىلىق كۈچى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە شامال كۈچىنىڭ مۇشۇ يۆنىلىشتىكى تەسىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يېيىشىپ كېتىدۇ. يەنە بىر تەسىرى رەسىمدىكى ئىسترېلكا Q كۆرسەتكەندەك، كېمىنى كېمىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. يەلكەنلىك كېمە شامال كۈچىنىڭ مۇشۇنداق تەسىرىگە تايىنىپ شامالغا قارشى ئىلگىرىلەيدۇ.
ئەگەر بىر تۈز گەز (سىزغۇچ) نىڭ يان تەرىپىگە بىر ئۈچبۇلۇڭلۇق سىزغۇچنى قويۇپ، بىر قول بىلەن تۈز گەزنى بېسىپ تۇرۇپ، يەنە بىر قولغا بىر تال قەلەمنى ئېلىپ، قەلەم ئۇچى بىلەن ئۈچبۇلۇڭلۇق سىزغۇچنىڭ بىر تەرىپىنى ئىتتىرسە، گەرچە ئىشلىتىلگەن كۈچنىڭ يۆنىلىشى كەينىگە قارىتا بولسىمۇ، ئەمما ئۈچبۇلۇڭلۇق سىزغۇچ تۈز گەزنى بويلاپ ئالدىغا ئىلگىرىلەيدۇ. بۇنىڭ پرىنسىپى شامالغا قارشى يۈرگەن كېمىنىڭ پرىنسىپىغا تامامەن ئوخشاش.
يەلكەنلىك كېمە شامالغا قارشى يۈرگەندە، كېمە بېشى شامالغا ئۇدۇل ھالدا ئىلگىرىلىيەلمەيدىغانلىقتىن، يەلكەنلىك كېمە «Z» ھەرپى شەكلىدىكى لىنىيە بويىچە ئوڭ - سولغا ئەگرى - بۈگرى ھالدا ئىلگىرىلەيدۇ. ئەجدادلىرىمىز ئاللىبۇرۇنلا شامالغا قارشى كېمە ھەيدەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پايانسىز كەتكەن كۆپكۆك دولقۇنلۇق جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى ۋە ھىندى ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، دېڭىز قاتنىشى تارىخىدا مۆجىزە ياراتقان.