پىسا يانتۇ مۇنارىدىكى جىسىملارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈش تەجرىبىسى
فىزىكا بىلىملىرى
بىرى يېنىك، بىرى ئېغىر بولغان ئىككى جىسىم ئوخشاش ئېگىزلىكتىن بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەنگە چۈشسە، قايسىسى يەرگە ئاۋۋال چۈشىدۇ؟ بۇ قەدىمىي ھەم قىزىقارلىق بولغان بىر مەسىلە.2000
نەچچە يىل ئىلگىرى، قەدىمكى گرېتسىيىدە ئارىستوتېل دېگەن بىر پەيلاسوپ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «جىسىم قانچە ئېغىر بولسا، تۆۋەنگە شۇنچە تېز چۈشىدۇ.» بۇ، ئېغىرراق جىسىم يەرگە ئاۋۋال چۈشىدۇ، يېنىكرەك جىسىم يەرگە كېيىنرەك چۈشىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. ئەينى چاغلاردا ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدە تەڭرىدىن باشقا، پەقەت ئارىستوتېلنىڭ سۆزىلا مۇتلەق توغرا ئىدى. شۇڭلاشقا، تاكى16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگۈچە ھېچكىم ئەزەلدىن بۇ خۇلاسىدىن گۇمانلىنىپ باقمىغانىدى.16
- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ئىتالىيىدىكى پىسا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياش ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى گالىلېي قايتا - قايتا مۇلاھىزە قىلىش، چوڭقۇر تەھلىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، نوپۇزغا قارىتا جەڭ ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى.1590 - يىلىنىڭ بىر كۈنى، ياش گالىلېي قولىغا بىر ياغاچ شارچە بىلەن بىر تۆمۈر شارچىنى ئېلىپ، پىسا شەھىرىدىكى 54m ئېگىزلىكتىكى يانتۇ مۇنارنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، بۇ ئىككى شارچىنى بىرلا ۋاقىتتا قويۇپ بەرگەن. ئۇلار پاراللېل ھالدا تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلىگەنسېرى شۇنچە تېز چۈشۈپ، ئاخىر «پاق» قىلغان ئاۋاز ئاڭلانغان ھامان ئىككى شارچە يەرگە تەڭلا چۈشكەن. تەجرىبە، ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمىغان جىسىملارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈش تېزلىكىنىڭ ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. گالىلېي ئىككى شارچىنىڭ يەر يۈزىگە بىرلا ۋاقىتتا چۈشۈشىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت ئارقىلىق، پاۋروپاغا2000 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئارىستوتېل تەلىماتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.
ئەمما، بىر تال پەي بىلەن بىر تال تۆمۈر مىخ ئارقىلىق تەجرىبە ئىشلىگەندە، نەتىجىدە چوقۇم تۆمۈر مىخ يەرگە بالدۇر چۈشىدۇ، پەي يەنىلا بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، جىسىملار تۆۋەنگە چۈشكەندە، ئېغىرلىق كۈچىگە ئۇچرىغاندىن باشقا، يەنە ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىگە ئۇچرايدۇ. ياغاچ شارچە بىلەن تۆمۈر شارچە بىرلىكتە تۆۋەنگە چۈشكەندە، شارچىلارنىڭ ئېغىرلىقى ئۇلار ئۇچرىغان ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىدىن كۆپ چوڭ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھاۋا قارشىلىق كۈچىنىڭ تەسىرىنى ئېتىبارغا ئالمىسىمۇ بولىدۇ (ئەگەر ئۇلارنىڭ چوڭلۇقى ئوخشاش بولسا، ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىمۇ ئوخشاش بولىدۇ). ئەمما، پەيگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىگە سېلىشتۇرغاندا، ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، پەي ئۇچرايدىغان قارشىلىق كۈچى چوڭ، تۆمۈر مىخ ئۇچرايدىغان قارشىلىق كۈچى كىچىك بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈشىنىڭ تېز - ئاستىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر ئامال قىلىپ ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىنىڭ تەسىرى يوقىتىلسا، پەي بىلەن تۆمۈر مىخ ئوخشاش تېزلىكتە تۆۋەنگە چۈشىدۇ.