ئاساس بولمىغان ئاساسىي زەررىچىلەر
فىزىكا بىلىملىرى
2000نەچچە يىلدىن بۇيان، ئالىملار ئۇدا مۇنداق بىر مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلىپ كەلدى: «ئەگەر بىر جىسىمنى ئۇدا پارچىلاۋەرسە، قانداق بولۇپ كېتەر؟ ماددىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ ئاساسىي بىر خىل زەررىچىنى تاپقىلى بولارمۇ؟»
فىزىكا ئالىملىرى ئالدى بىلەن نۇرغۇن جىسىمنىڭ ناھايىتى كىچىك مولېكۇلا ۋە تېخىمۇ كىچىك ئاتومدىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئاتوم مۇرەككەپ تۈزۈلۈشكە ئىگە، ئۇنىڭ مەركىزى ئاتوم يادروسى، يادرودا پروتون بىلەن نېيترون بولۇپ، ئاتوم يادروسىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغىنى ئېلېكتروندىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، كىشىلەر بىر مەزگىل پروتون، نېيترون، ئېلېكترون ۋە فوتونلارنى ماددىنى تۈزگۈچى ئەڭ كىچىك بۆلەك، دەپ قاراپ كەلگەن ھەم ئۇلارنى «ئاساسىي زەررىچىلەر» دەپ ئاتىغان. تەجرىبە تېخنىكىسىنىڭ كۈنسايىن مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، يېقىنقى40 يىلدىن بۇيان ئالىملار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر تۈركۈم يېڭى ئاساسىي زەررىچىنى بايقىدى. بۈگۈنگە قەدەر، ئاساسىي زەررىچىلەر300 دىن كۆپ ئەزاغا ئىگە بىر چوڭ كوللېكتىپقا ئايلاندى. بۇ ئەزالاردىن ماسسىسىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، بەزىلىرىنىڭ ماسسىسى ئېلېكترون ماسسىسىنىڭ6000 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ، بەزىلىرى يېنىكلىكىدىن تىنچ ھالەتتە ماسسىغا ئىگە بولمايدۇ؛ ئۆمرىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، بەزىلىرى «مەڭگۈ مەۋجۇت» بولۇپ تۇرالايدۇ، بەزىلىرىنىڭ ئۆمرى10 كۋادرىللىئوندىن بىر سېكۇنتقا يەتمەيدۇ. مۇشۇنداق كۆپ ھەرتۈرلۈك ئاساسىي زەررىچىنىڭ بايقىلىشى فىزىكا ئالىملىرىغا بىر قىيىن سوئالنى چىقىرىپ بەردى: نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق كۆپ ئاساسىي زەررىچە بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر خىل زەررىچە نېمە ئۈچۈن باشقا بىر خىل زەررىچىگە ئوخشاش بولمايدۇ؟
شۇنىڭ بىلەن بەزى ئالىملار مۇنداق قىياس قىلىشتى: ئوخشاش بولمىغان بۇ زەررىچىلەر بىرنەچچە جەمەتنى تەشكىل قىلىشى مۇمكىن، ھەربىر جەمەتتىكى زەررىچە ئىنتايىن قانۇنىيەتلىك شەكىل بويىچە ئۆزئارا ئازراق پەرقلىنىشى مۇمكىن. كۆپچىلىككە مەلۇم، ئاتوم ئىچكى تۈزۈلۈشكە ئىگە بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى بارلىققا كەلگەن. فىزىكا ئالىملىرىدا بۇنىڭدىن تەبىئىي ھالدىلا مۇنداق بىر خىل قاراش بارلىققا كەلدى: ئاساسىي زەررىچىلەرمۇ ئىچكى تۈزۈلۈشكە ئىگە بولارمۇ؟ بۇنىڭدىن ئاتومغا ئوخشاش قانۇنىيەتلىك بىر جەدۋەل تۈزۈپ چىققىلى بولارمۇ؟ مۇشۇنداق پىكىر قىلىش يولىغا ئاساسەن، ئالىملار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاساسىي زەررىچە ئۈچ دانە (ياكى بىر جۈپ) تېخىمۇ ئاساسىي بولغان زەررىچىدىن تەشكىل تاپقان سىستېمىدىن ئىبارەت، دەپ قارىدى، ئۇلار بۇنى «كۋارك» دەپ ئاتىدى. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، مۇشۇنداق بىر پەرەزگە ئاساسەن، نۇرغۇن تەجرىبە پاكىتلىرىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. ئەمما، كۋارك ھەقىقەتەن مەۋجۇتمۇ ياكى ماتېماتىكىدىكى بىر خىل قىياسمۇ؟ بۇنى فىزىكا ئالىملىرىنىڭ كېيىنكى تەجرىبىلىرىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يېشىشكە توغرا كېلىدۇ.
شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئاساسىي زەررىچە «ئاساس» ئەمەس. ئاساسىي زەررىچە دۇنياسىدا تېخى ئېچىلمىغان نۇرغۇن سىرلار كىشىلەرنىڭ ئىزدىنىشى ۋە تېپىشىنى كۈتمەكتە.