UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىپىشاڭ پرىنسىپى

پىشاڭ پرىنسىپى

فىزىكا بىلىملىرى ياغاچتىكى مىخنى قول بىلەن يۇلۇپ چىقارغىلى بولمايدۇ، چوقۇم سايماندىن پايدىلىنىش كېرەك. پالۋان بولسىمۇ، نەچچە يۈز كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى يۈكنى ئېگىزگە كۆتۈرۈپ چىقالمايدۇ، ئەگەر سايماندىن پايدىلانسا، «ئوڭايلا كۆتۈرەلەيدۇ». بۇ سايمانلار پىشاڭ پرىنسىپىدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا ياسىلىدۇ. قاتتىق قاڭالتىرنى كېسىشتە، ئادەتتىكى قايچا ئىشلىتىلسە، بەكرەك كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇزۇن دەستىلىك قايچا ئىشلىتىلسە كۈچتىن بىرقەدەر ئۇتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىر جىسىمنى مۇقىم ئايلىنىش ئوقى بويىچە چۆرگىلىتىپ ئايلاندۇرغاندا، ئوخشاش چوڭلۇقتىكى كۈچنى جىسىمغا تەسىر قىلدۇرغاندا، كۈچنىڭ تەسىر قىلىش نۇقتىسى ئوقتىن قانچە يىراق بولسا، ھاسىل قىلىدىغان ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى شۇنچە روشەن بولىدۇ. مەسىلەن، ئىشىكنى كۈچەپ ئىتتىرگەندە، كۈچنىڭ تەسىر قىلىش نۇقتىسى ئىشىكنىڭ ئوقىدىن قانچە يىراق بولسا، كۈچتىن شۇنچە ئۇتقىلى بولىدۇ، شۇڭا تۇتقۇچ ھامان ئىشىك ئوقىدىن يىراق بىر يېقىغا ئورنىتىلىدۇ. يەر يۈزىدە تۇرغان چوڭ ھەم ئېغىر بىر تاشنى يانغا يۆتكىۋەتمەكچى بولساق، بىر ئادەم ئۇنى يۆتكىۋېتەلمەيدۇ. بۇ چاغدا مۇستەھكەم بىر كالتەكنىڭ بىر ئۇچىنى تاشنىڭ ئاستىغا كىرگۈزۈپ، كالتەكنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى چىڭ تۇتۇپ يۇقىرىغا كۆتۈرسە ياكى كالتەكنىڭ ئاستىغا قاتتىقراق بىر جىسىمنى قىستۇرۇپ، كالتەكنى كۈچەپ باسقاندا، تاشنى قومۇرغىلى بولىدۇ. قومۇرغۇچ كالتەك قانچە ئۇزۇن بولسا، كۈچتىن شۇنچە ئۇتقىلى بولىدۇ. دەستىسى ئۇزۇن قايچا، قومۇرغۇچ كالتەك قاتارلىق سايمانلارنىڭ ھەممىسى كۈچتىن ئۇتقىلى بولىدىغان پىشاڭلاردۇر. قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا، ئىشچىلار دائىم غالتەكلەردىن پايدىلىنىپ قورال ۋە ماتېرىياللارنى ئېگىزگە يۆتكەيدۇ. بىر دانە قوزغالماس غالتەك بىلەن بىر دانە ھەرىكەتچان غالتەكتىن تەشكىل تاپقان غالتەكلەر گۇرۇپپىسىدىن پايدىلىنىپ يۈكنى كۆتۈرگەندە، يۈك ئىككى تال ئارغامچىغا چۈشىدۇ، ھەربىر تال ئارغامچا يۈكنىڭ يېرىمىنىلا كۆتۈرىدۇ. ئەگەر 100kg لىق يۈكنى كۆتۈرمەكچى بولساق، ئۇ ھالدا 50kg لىق كۈچ ئىشلىتىپ ئارغامچىنى تۆۋەنگە تارتساق، قوزغالماس غالتەكتىكى ئارغامچا ئارقىلىق يۈكنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئوخشاش پرىنسىپ بويىچە، ئىككى دانە قوزغالماس غالتەك بىلەن ئىككى دانە ھەرىكەتچان غالتەكتىن تەشكىل تاپقان غالتەكلەر گۇرۇپپىسىدىن پايدىلىنىپ يۈكنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە، يۈك تۆت تال ئارغامچىغا چۈشىدۇ، ھەربىر تال ئارغامچا پەقەت يۈكنىڭ تۆتتىن بىرىنىلا زىممىسىگە ئالىدۇ، بۇ ھالدا، پەقەت 25kg لىق كۈچ ئىشلىتىپلا 100kg لىق يۈكنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. كىشىلەر يەنە مۇنداق تەجرىبىگە ئىگە: تىكرەك دۆڭگە چىقىشتا كۈچتىن ئۇتتۇرىدۇ، تەكشىرەك (پەسرەك) دۆڭگە چىقىشتا كۈچتىن ئۇتقىلى بولىدۇ. قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىلىرى يۈك ئاپتوموبىلىغا يۈك قاچىلاشتا، كۆپ ھاللاردا يانتۇ تاختىنى قويۇپ، يۈكنى يانتۇ تاختا بويلىتىپ يۇقىرىغا ئىتتىرىپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدا يۈكنى ئاپتوموبىلغا بىۋاسىتە كۆتۈرۈپ چىقىرىشقا قارىغاندا كۈچتىن ئۇتقىلى بولىدۇ. يانتۇ دۆڭ، يانتۇ تاختا فىزىكىدا يانتۇ تەكشىلىك دەپ ئاتىلىدۇ. يانتۇ تەكشىلىكتىن پايدىلانغاندىمۇ كۈچتىن ئۇتقىلىق بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، يانتۇ تەكشىلىككە قويۇلغان جىسىم ئۇچرىغان ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىنىڭ ئورنىغا ئىككى تارماق كۈچنىڭ تەسىرىنى دەسسىتىشكە بولىدۇ، بىر تارماق كۈچ يانتۇ تەكشىلىكنى تىك باسىدۇ، يەنە بىر تارماق كۈچ جىسىمنى يانتۇ تەكشىلىكنى بويلىتىپ تۆۋەنگە سىيرىلدۈرىدۇ. ئادەم جىسىمنى يانتۇ تەكشىلىكنى بويلىتىپ ئىتتىرگەندە، كېيىنكى بىر تارماق كۈچنىڭ تەسىرىنى يەڭسىلا بولىدۇ. بۇ تارماق كۈچ جىسىمنىڭ ئېغىرلىق كۈچىدىن كىچىك بولغانلىقتىن، ئادەم ئىشلەتكەن كۈچ جىسىمنىڭ ئېغىرلىق كۈچىدىن كىچىك بولىدۇ. تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى ئېيتىپ بەردىكى، يانتۇ تەكشىلىكنىڭ ئېگىزلىكى ئۆزگەرمىگەندە، يانتۇ تەكشىلىك قانچە ئۇزۇن بولسا، كۈچتىن شۇنچە ئۇتقىلى بولىدۇ، مانا بۇ، ھەر خىل ئاپتوموبىللارنىڭ تاغقا چىقىشتا ئەگرى - توقاي تاشيوللاردا مېڭىشىنىڭ سەۋەبى.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى
پىشاڭ پرىنسىپى | UyghurWiki | UyghurWiki