UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىكۆك ئاسمان، قۇياش ۋە نۇرنىڭ چېچىلىشى

كۆك ئاسمان، قۇياش ۋە نۇرنىڭ چېچىلىشى

فىزىكا بىلىملىرى تەبىئەتتە نېمە ئۈچۈن رەڭسىز سۈزۈك ھاۋا كۆك ئاسماننى شەكىللەندۈرەلەيدۇ؟ ئاق رەڭلىك قۇياش نۇرى كۈن ئولتۇرغىچە قىزىلغا ئۆزگىرەلەيدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يەر شارى ئەتراپىدىكى ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ قۇياش نۇرىغا قارىتا چېچىلىش ئېلىپ بېرىشىدىن شەكىللىنىدۇ. ئەسلىدە نۇر (يورۇقلۇق) تارقىلىش جەريانىدا ئىككى خىل تەكشى مۇھىتنىڭ چېگرا يۈزىگە چۈشكەندە، قايتىش ۋە سۇنۇش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. ئەمما، نۇر تەكشى بولمىغان مۇھىتتا تارقالغاندا، ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ. بىر قىسىم نۇرلار تۈز سىزىق بويلاپ ئىلگىرىلىيەلمەي، ئەتراپقا چېچىلىپ، نۇرنىڭ چېچىلىش ھادىسىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. يەر شارى ئەتراپىدىكى ھاۋادىن شەكىللەنگەن ئاتموسفېرا قەۋىتى مۇشۇنداق تەكشى بولمىغان بىر خىل مۇھىتتىن ئىبارەت، شۇڭلاشقا، بىزگە كۆرۈنگەن ئاسماننىڭ رەڭگى، ئەمەلىيەتتە ئاتموسفېرا قەۋىتىدىن چېچىلغان نۇرلارنىڭ رەڭگىدىن ئىبارەت. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتى شۇنى ئىپادىلىدىكى، ئاتموسفېرانىڭ ئوخشىمىغان رەڭدىكى نۇرلارغا بولغان چېچىش رولى «پۇرسىتى تەڭ» بولمايدۇ، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىسقا نۇرنىڭ چېچىلىشى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ. قۇياش نۇرى ئاتموسفېرا مولېكۇلىلىرىنىڭ چېچىشىغا ئۇچرىغاندا، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىسقىراق كۆك نۇرنىڭ چېچىلىشى كۆپرەك بولىدۇ. ئاسماننى چېچىلغان كۆك نۇرلار قاپلاپ كەتكەنلىكتىن، يەردىكى ئادەمگە ئاسمان كۆك رەڭدە كۆرۈنىدۇ. ھاۋا قانچە ساپ، قۇرغاق بولسا، بۇ خىل كۆك رەڭ شۇنچە قېنىق، جۇلالىق بولىدۇ. ئەگەر ئاسمان بوشلۇقى ئىنتايىن ساپ بولۇپ، ئاتموسفېرا ۋە باشقا مىكرو دانچىلەرنىڭ چېچىش رولى بولمىسا، بۇ خىل جۇلالىق كۆك رەڭنى كۆرەلمەيمىز. مەسىلەن،20 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە ھاۋا، گاز مولېكۇلىلىرى ئالاھىدە شالاڭ بولغاچقا، نۇرلارنى چېچىش رولى يوق دېيەرلىك بولىدۇ - دە، ئاسمان بوشلۇقىمۇ خىرەلىشىپ قالىدۇ. ئوخشاش پرىنسىپ بويىچە، قۇياش ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن ياكى غەربكە ئەمدىلا ئولتۇرغان (پاتقان) دا، قۇياشتىن بىۋاسىتە كەلگەن نۇرلار تېشىپ ئۆتكەن ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقى BC (رەسىمدە كۆرسىتىلدى) چۈشتە قۇياشتىن بىۋاسىتە چۈشكەن نۇرلارغا قارىغاندا تېشىپ ئۆتكەن ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقى AB دىن كۆپ قېلىن بولىدۇ. قۇياش نۇرىنىڭ ئاتموسفېرا قەۋىتىدىكى تارقىلىش ئارىلىقى قانچە ئۇزۇن بولسا، چېچىلىدىغان قىسقا دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى كۆك نۇر شۇنچە كۆپ بولىدۇ، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئۇزۇن بولغان قىزىل نۇرنىڭ نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ. ئاخىر يەر يۈزىگە يېتىپ كەلگەن قۇياش نۇرىنىڭ قىزىل رەڭلىك تەركىبىمۇ نىسپىي ھالدا ئاشىدۇ، شۇڭلاشقا ئاسماننى قاپلىغان قىزىل شەپەق بىلەن پېتىۋاتقان قىپقىزىل قۇياش كۆرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇر چىقىرىۋاتقان قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ رەڭگى باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى