UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرى«زەمبىرەك»

«زەمبىرەك»

فىزىكا بىلىملىرى ئاساسىي زەررىچە نۆۋەتتە كىشىلەر بىۋاسىتە كۆزىتەلەيدىغان ئەڭ كىچىك زەررىچە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ زادى قانچىلىك دەرىجىدە كىچىك بولغىيتتى؟ مىسالغا ئالساق، ئەگەر بىر خىل لوپا ئەينەك ئارقىلىق تىكتاك توپنى يەر شارىدەك چوڭلۇقتا چوڭايتىشقا بولسا، ئۇھالدا ئوخشاش چوڭايتىش ھەسسىلىك سانى بويىچە ئاساسىي زەررىچىنى كۆزەتسەك، ئۇ بىر دانە تىكتاك توپچىلىك چوڭلۇقتىمۇ بولالمايدۇ. فىزىكا ئالىملىرىنىڭ مىكرو دۇنيانىڭ قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا دائىم قوللىنىدىغان ئۇسۇلى شۇكى، خۇسۇسىيىتى مەلۇم بولغان بىر دەستە ئاساسىي زەررىچىنى زەمبىرەك ئوقى قىلىپ، تەتقىق قىلىنىدىغان مەلۇم خىل نامەلۇم ئاساسىي زەررىچىنى توپقا تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا تەسىرىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، نىشان زەررىچىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن، سۈنئىي ئۇسۇلدا زەررىچىنى تېزلىتىپ، ئۇنى ئادەمنىڭ رايى بويىچە يۇقىرى ئېنېرگىيە، يۇقىرى كۈچلۈكلۈككە ئىگە زەررىچىلەرگە ئايلاندۇرۇپ، بۇنى ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدىغان «زەمبىرەك ئوقى» قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، زەررىچە تېزلەتكۈچ − ھازىرقى زامان فىزىكا ئالىملىرىنىڭ «زەمبىرىكى» بارلىققا كەلدى. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، تېزلەتكۈچلەردىن ئېلېكتر ستاتىك (تىنچ ئېلېكتر) لىك تېزلەتكۈچ، تۈز سىزىقلىق تېزلەتكۈچ، سىكلوترون (ئايلانما) تېزلەتكۈچ، ماس قەدەملىك مۇقىم فازىلىق تېزلەتكۈچ ۋە ئىندۇكسىيىلىك ئېلېكترون تېزلەتكۈچ قاتارلىقلار بارلىققا كەلدى. تېزلىكى مۇمكىنقەدەر چوڭ بولغان زەررىچىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن، تېزلەتكۈچلەرنىڭ كۆلىمىمۇ بارغانسېرى چوڭىيىپ بارماقتا. تېزلەتكۈچلەرنىڭ دىئامېتىرى1 مېتىرغا يەتمەيدىغان چوڭلۇقتىن تەرەققىي قىلىپ2 .2 كىلومېتىرغا يەتتى.1972 - يىلى ئامېرىكا فېرمى دۆلەتلىك تېزلەتكۈچ تەجرىبخانىسىدا ياسالغان پروتون ماس قەدەملىك تېزلەتكۈچنىڭ ياسىلىش باھاسى250 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئاساسىي ھالقىلىق تېزلەتكۈچنىڭ ئوتتۇرىچە دىئامېتىرى2 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ھەممە ماگنىتنى قوشقاندا9000 توننا ئېغىرلىقتا كېلىدۇ،1400 نەپەر خىزمەتچى خادىم بار. بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تەجرىبە قۇرۇلمىسى ھېسابلىنىدۇ. تېزلەتكۈچتىن ئىبارەت بۇ «چوڭ زەمبىرەك» نىڭ شىددەتلىك بومباردىمان قىلىشى بىلەن، ئاتوم يادروسى پارچىلىنىپ، ئاساسىي زەررىچىلەر دۇنياسىنىڭ دەرۋازىسى تەدرىجىي ئېچىلدى. مەسىلەن، ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدىكى يېقىنقى30 يىلدىن بۇيان يېڭىدىن قوشۇلغان ئەزالار −102 - نومۇرلۇق،104 - نومۇرلۇق ۋە105 - نومۇرلۇق ئېلېمېنتلار تېزلەتكۈچ ئارقىلىق ئازوت يادروسى، كاربون يادروسى، گېلىي يادروسىغا ئوخشاش مۇشۇ تۈردىكى يېنىك ئاتوم يادرولار تېزلىتىلىپ، ئاندىن ئاتوم يادروسى نىشانىنى بومباردىمان قىلىش نەتىجىسىدە بىرىكتۈرۈلۈپ چىقىرىلغان. ھازىر كىشىلەر ئىنتايىن چوڭ قىزىقىش بىلەن تېزلەتكۈچنىڭ خىزمىتى ئارقىلىق ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدىكى109 - نومۇردىن كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدىغان يېڭى ئېلېمېنتلارنى ئىزدىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەسلىدە كىشىلەرگە نامەلۇم بولغان بەزى ئاساسىي زەررىچىلەرمۇ تەدرىجىي بايقىلىپ، فىزىكىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولماقتا.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى
«زەمبىرەك» | UyghurWiki | UyghurWiki