داۋالاش ئۇسۇلى ۋە مۇزىكىلىق ئاۋاز
فىزىكا بىلىملىرى
كىشىلەر جىددىي خىزمەتتىن كېيىن يېنىك مۇزىكىلارنى ئاڭلىسا، جىددىيلىكى يوقاپ، ھاردۇقى چىقىپ قالىدۇ. ئەمما، مۇزىكىنىڭ تۆھپىسى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.
ھازىر مۇزىكا ئارقىلىق كېسەل داۋالايدىغان »مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى« دۆلەتنىڭ ئىچى - سىرتىدا كۈنسايىن ئەۋج ئالماقتا. كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرلىرى مۇزىكىنى ھوشسىزلاندۇرۇشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ،200 دىن كۆپ كېسەل كىشىنىڭ چىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۇلغان؛ ئەنگلىيە ئاياللار تۇغۇت بۆلۈمى تۇغۇتخانىدا مۇزىكا قويۇپ بەرگەندىن كېيىن تۇغۇتى تەس بولغان ئاياللار كۆرۈنەرلىك ئازايغان … مەملىكىتىمىزدىمۇ بەزى مۇنەۋۋەر ناخشا - مۇزىكىلار »ناخشا دورا«غا ئايلىنىپ، دوختۇرخانىنىڭ بىر خىل قوشۇمچە داۋالاش ئۇسۇلىغا ئايلاندى. يېقىملىق خەلق ناخشا - مۇزىكىلىرىنى «ئىشتىھا نەغمىس» قىلىشقا بولىدۇ.
مۇزىكىنىڭ بۇنداق يېقىملىق سېھرىي كۈچى مۇزىكىنى تەشكىل قىلغان مۇزىكىلىق ئاۋازدا بولىدۇ. ئاۋاز مەنبەسى تەرتىپلىك تەۋرىنىشتىن رىتىملىق ئاۋاز چىقىرىدۇ، بۇ ئاۋاز لەرزان، قۇلاققا يېقىملىق بولۇپ، مۇزىكىلىق ئاۋاز دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما، قانۇنىيەتلىك ئاۋازنىڭ مۇزىكىلىق ئاۋاز بولۇشى ناتايىن. مەسىلەن، سائەتنىڭ چىك - چاك قىلغان ئاۋازى قانۇنىيەتلىك بولسىمۇ، بۇ مۇزىكىلىق ئاۋاز ئەمەس. پىئانىست ئورۇندىغان مۇزىكىلار، ناخشىچىلار ئېيتقان ناخشا ئاۋازى مۇزىكىلىق ئاۋاز بولىدۇ.
مۇزىكىلىق ئاۋازنى تەشكىل قىلىدىغان بىر ئاساسىي تون (فىزىكىدا ئاساسىي دولقۇن دېيىلىدۇ)، يەنە نۇرغۇن قوشۇمچە تون (فىزىكىدا گارمونىك دولقۇن دېيىلىدۇ) لار بار بولۇپ، قوشۇمچە توننىڭ چاستوتىسى ئاساسىي تون چاستوتىسىنىڭ پۈتۈن ھەسسىلىك سانىغا تەڭ بولىدۇ. ئاساسىي تون بىلەن قوشۇمچە تون ماس ھالدا بىرىكىپ، قۇلاققا لەرزان يېقىملىق مۇزىكىلىق ئاۋازنى شەكىللەندۈرىدۇ. مۇزىكىلىق ئاۋاز بىلەن مۇزىكا زىچ باغلىنىشلىق بىر گەۋدە بولۇپ، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق، يېقىملىق مۇزىكىلار، لەرزان مېلودىيە ئاھاڭ رىتىمى ئادەمنى بىئاراملىقتىن خالىي قىلىپ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ، ھارغىنلىقىنى يوقىتىدۇ. تەتقىقاتلار شۇنى ئىپادىلىدىكى، مۇزىكىلىق ئاۋازدىكى ماسلاشقان ئاۋاز دولقۇنلىرىنىڭ تەۋرىنىشى ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھەرقايسى ئەزالار ئارىسىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ھەرىكەتلەرنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇىدۇ. مۇزىكىلىق ئاۋاز چوڭ مېڭىگە تەسىر كۆرسىتىپ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ ۋە تەڭشەپ، ئادەم بەدىنىنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ھورمونلارنى ئاجرىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ماددا ئالمىشىشنى كۈچەيتىپ، قېرىپ كېتىشنى ئاستىلىتىدۇ.