UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىماتور سۇدىن ئايرىلالمايدۇ − كونۋېكسىيە ئارقىلىق ئىسسىقلىق تارقىتىش

ماتور سۇدىن ئايرىلالمايدۇ − كونۋېكسىيە ئارقىلىق ئىسسىقلىق تارقىتىش

فىزىكا بىلىملىرى ئاپتوموبىل قوزغىلىشتىن ئىلگىرى، ماتورىنىڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى سۇ قېپىغا سۇ تولدۇرۇلىدۇ. بۇ سۇلارنىڭ نېمە رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ كۆپچىلىككە مەلۇم، ئاپتوموبىل ماتورى ئىشلىگەندە، سىلىندىرنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ ℃2000 ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەگەر تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلەتمىگەندە، زاپچاسلار قىزىپ نورمال ئىشلىيەلمەيدۇ، ھەتتا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۈچۈن، ماتور سىلىندىرىنىڭ سىرتقى قەۋىتىگە بىر سۇ قېپى قاپلىنىدۇ، بۇنىڭغا سوغۇق سۇ قۇيۇلۇپ سىلىندىر سوۋۇتۇلىدۇ. سوغۇق سۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق جىسىمنى قانداق سوۋۇتىدۇ؟ بىر پارچە ئىسسىق تۆمۈر بىلەن بىر پارچە سوغۇق تۆمۈرنى تېگىشتۈرگەندە، ئىسسىق تۆمۈر پارچىسى تەدرىجىي سوۋۇيدۇ، سوغۇق تۆمۈر پارچىسى تەدرىجىي قىزىيدۇ، بۇ تاكى ئىككىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش بولغۇچە داۋاملىشىدۇ. تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى ئېيتىپ بەردىكى، ئىسسىق - سوغۇقلۇق دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان جىسىملار ئۆزئارا تېگىشكەندە، ئىسسىقلىق ھامان تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى جىسىمدىن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن جىسىمغا ئۆتىدۇ. تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى جىسىم ئىسسىقلىق قويۇپ بەرگەندە، ئۆزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن جىسىم ئىسسىقلىق سۈمۈرگەندە، ئۆزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ. بىر ئىستاكان قايناق سۇنى ھاۋاغا قويۇپ قويغاندا، خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندە ئاندىن سوۋۇيدۇ. ئەگەر شامالدۇرغۇچ ئارقىلىق پۈۋلىگەندە، قايناقسۇ تېزلا سوۋۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، تىنچ تۇرغان ھاۋا ئىسسقلىقنى ئاسان تارقاتمايدۇ، ئېقىپ تۇرغان ھاۋا ئىسسىقلىقنى ئاسانلا تارقىتىدۇ. تىنچ تۇرغان سۇمۇ ئىسسىقلىقنى ئاسان تارقاتمايدۇ. قازاندا سۇ قايناتقاندا، قازان تېگىدىكى سۇ ئاۋۋال قىزىپ، ھەجمى كېڭىيىپ يۇقىرىغا ئۆرلەپ، ئۈستىدىكى سوغۇق سۇ قازان تېگىگە چۆكۈپ، ئىسسىقلىققا ئۇچراپ كېڭىيىپ يەنە يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، قازاندىكى سۇ قايتا - قايتا ئۆرلەپ تۆۋەنلەپ، ئۈزلۈكسىز ئايلىنىپ ئېقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەدرىجىي ئۆرلەپ، ئەڭ ئاخىر قاينايدۇ. بۇنىڭدىن ئېقىۋاتقان سۇنىڭ ئىسسىقلىقنى ئاسان ئۇزىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. سۇ ياكى ھاۋانىڭ ئېقىشى ئارقىلىق ئىسسىقلىق ئۇزىتىش ھادىسىسى كونۋېكسىيە دەپ ئاتىلىدۇ. ئاپتوموبىل ماتورى ئىشلەۋاتقاندا، ماتور سىلىندىرىنىڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى سۇ قېپىدىكى سۇ سىلىندىر ئەتراپىدا ئايلىنىپ ئېقىپ (كونۋېكسىيىلىنىپ) سىلىندىرنى سوۋۇتىدۇ. سۇ قېپىدىكى سۇ ئىسسىقلىققا ئۇچراپ كېڭىيىپ يۇقىرى ئۆرلەپ رادىئاتورغا كىرىدۇ، شامالدۇرغۇچ ئىسسىق سۇغا قارىتا ئىسسىقلىق تارقىتىش ئېلىپ بارىدۇ. تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىتىلگەن سۇ يەنە سۇ قېپىغا قايتىپ كېلىپ، دەۋر (ئايلانما) لىنىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. سۇنىڭ ئېقىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، سۇ قېپىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە يەنە سۇ پومپىسى ئورنىتىلىپ، سۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا يۇقىرى چىقىرىلىپ، ئايلانما ئېقىم تېزلىتىلىپ، سىلىندىردىكى ئىسسىقلىق تېز تارقىتىۋېتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى