UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىئىزولياتورمۇ توك ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن

ئىزولياتورمۇ توك ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن

فىزىكا بىلىملىرى مېتال، ئادەم بەدىنى، يەر قاتارلىق توكنى ئاسان ئۆتكۈزىدىغان جىسىملار ئۆتكۈزگۈچ دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى جىسىملار توكنى ئاسان ئۆتكۈزمەيدۇ، مەسىلەن، كاۋچوك، سۇلياۋ، ئەينەك، فارفور، ھاۋا قاتارلىقلار. توكنى ئاسان ئۆتكۈزمەيدىغان جىسىم ئىزولياتور دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆتكۈزگۈچنىڭ توك ئۆتكۈزۈشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۆتكۈزگۈچتىكى زەرەتلەر ئۇچرايدىغان بوغۇپ تۇرۇش كۈچى ئىنتايىن كىچىك بولغاچقا، ئۇلار بىر جايدىن باشقا بىر جايغا يۆتكىلىپ بارالايدۇ. ئىزولياتورنىڭ توك ئۆتكۈزمەسلىكىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىزولياتوردىكى زەرەتلەر ئاساسەن ئاتوم ياكى مولېكۇلىلارنىڭ دائىرىسى ئىچىگە بوغۇلۇپ تۇرغاچقا، بىر جايدىن باشقا بىر جايغا يۆتكىلەلمەيدۇ. ئۆتكۈزگۈچ بىلەن ئىزولياتورنىڭ ھەممىسى مانتىيورلۇق (توكچىلىق) ماتېرىيالى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشتا ئوخشىمىغان قوللىنىلىشلارغا ئىگە. ئېلېكتر سىملىرىنىڭ ئۆزىكى مېتالدىن ياسىلىدۇ، سىرتىغا بىر قەۋەت رېزىنكە سۇلياۋ قاپلىنىپ، توك قېچىش ياكى توك سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىدۇ. ئەمما، ئىزولياتور مۇتلەق توك ئۆتكۈزمەيدۇ، ئەمەس. بەزى شارائىتتا، ئىزولياتورمۇ ئۆتكۈزگۈچكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئىنتايىن ساپ سۇ، مەسىلەن، دىستىللەنگەن سۇ توك ئۆتكۈزمەيدۇ، ئەگەر سۇغا ئارىلاشما ماددا سېلىنسا، ئۇ ئادەتتىكى سۇغا ئايلىنىپ، ياخشى ئۆتكۈزگۈچكە ئۆزگىرىپ قالىدۇ. قۇرغاق لاتا (رەخت) توك ئۆتكۈزمەيدۇ، ئەمما ھۆل لاتا توك ئۆتكۈزىدۇ. ئەگەر بۇ پرىنسىپنى بىلمەي، ھۆل لاتا بىلەن لامپۇچكا ۋىكليۇچاتېلى، پاترون، روزېتكا (چېتىلغۇچ) قاتارلىقلارنى سۈرتسە، ئوڭايلا توك سوقۇۋېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى