بىخەتەر ئېلېكتر بېسىمى
فىزىكا بىلىملىرى
ئادەم بەدىنىدىن ئۆتكەن توك مۇئەييەن كۈچلۈكلۈككە يەتكەندە، توك سوقۇۋېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. ئۇنداقتا، توك كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى قانداق ئامىللار بەلگىلەيدۇ؟
بىر دانە قۇرغاق باتارېيە ئارقىلىق كىچىك لامپۇچكىنى يورۇتقىلى بولىدۇ، ئەمما بەكرەك يورۇتقىلى بولمايدۇ. ئىككى دانە قۇرغاق باتارېيىنى ئىشلەتكەندە، كىچىك لامپۇچكا نورمال يورۇيدۇ. بۇ، كىچىك لامپۇچكىغا بېرىلگەن ئېلېكتر بېسىمى قانچە چوڭ بولسا، ئۆتىدىغان توكنىڭ شۇنچە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
توك ئۆتۈۋاتقان ئۆتكۈزگۈچنىڭ توكقا قارىتا توسقۇنلۇق قىلىش رولى ئۆتكۈزگۈچ قارشىلىقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە باغلىق بولىدۇ، قارشىلىقى قانچە چوڭ بولسا، ئۆتكۈزگۈچتىن ئۆتىدىغان توك شۇنچە كىچىك بولىدۇ.
گېرمانىيىلىك فىزىكا ئالىمى ئوم19 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە توك كۈچى بىلەن ئېلېكتر بېسىمى، قارشىلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە مىقدارلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ،10 يىللىق ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، كۆپلىگەن تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ مۇنداق خۇلاسىگە ئېرىشكەن: توك ئۆتۈۋاتقان ئۆتكۈزگۈچتىكى توك كۈچى ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى ئېلېكتر بېسىمىغا ئوڭ تاناسىپ، ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ. فىزىكىدا بۇ قانۇنىيەت ئوم قانۇنى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئوم قانۇنىغا ئاساسەن، توك سوقۇۋەتكەندىكى ئادەم بەدىنىدىن ئۆتكەن توكنىڭ كۈچلۈكلۈكى سىرتتىن بېرىلگەن ئېلېكتر بېسىمى ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ قارشىلىقىغا باغلىق بولىدۇ. تەجرىبىلەر شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،36 ۋولتتىن تۆۋەن بولغان ئېلېكتر بېسىمىلا بىخەتەر بولىدۇ. بۇ دائىرىدىكى ئېلېكتر بېسىمى بىخەتەر ئېلېكتر بېسىمى ھېسابلىنىدۇ.
ھازىرقى زاماندا كىشىلەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان ئېلېكتر زەنجىرلىرىنىڭ ئېلېكتر بېسىمى بىخەتەر ئېلېكتر بېسىمىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. مەسىلەن، يورۇتۇش ئېلېكتر زەنجىرىنىڭ ئېلېكتر بېسىمى220V ، ئېلېكتر ماتور ناسوسىنى ئايلاندۇرۇپ ئىش ئىشلەيدىغان لىنىيە ئېلېكتر بېسىمى380V بولىدۇ. بۇنداق ئېلېكتر زەنجىرلىرى ئىشلەپچىقىرىشتا گەرچە تۆۋەن بېسىملىق لىنىيە دەپ ئاتالسىمۇ، لېكىن ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىخەتەر ئەمەس. ئۆي سىرتىدىكى ئېگىز بوشلۇققا تارتىلغان يۇقىرى بېسىملىق لىنىيىلەر ئېلېكتر بېسىملىرىنىڭ بەزىلىرى نەچچە10 مىڭ ۋولت، ھەتتا نەچچە100 مىڭ ۋولتقا يېتىدۇ، بۇلار بىخەتەر ئېلېكتر بېسىمىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. كىشىلەرنى دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، بەزى سىم تاناب تۈۋرۈكلىرىگە »بېسىم يۇقىرى، خەتەرلىك! ھەرگىز يېقىنلاشماڭ!« دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشلار يېزىپ قويۇلىدۇ.
كۆپ ئۇچرايدىغان چوغلانما لامپۇچكا، شامالدۇرغۇچ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، توك دەزمال قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ ئىشلەش ئېلېكتر بېسىمى 220V بولىدۇ. شۇڭلاشقا، چوقۇم توغرا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش، ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ توكلۇق قىسمىغا تەگمەسلىك لازىم.