UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىبېسىم كۈچى ۋە بېسىم

بېسىم كۈچى ۋە بېسىم

فىزىكا بىلىملىرى ئادەم يەر يۈزىنى دەسسەپ تۇرغاندا، ئىككى پۇتى يەر يۈزىنى بېسىپ تۇرىدۇ - دە، يەر يۈزىگە قارىتا بىر تەسىر كۈچ بېرىدۇ. كۇنۇپكا مىخنى تامغا مىخلىغاندا، مىخنىڭ ئۇچى تامنى بېسىپ، تامغا قارىتا بىر تەسىر كۈچى بېرىدۇ؛ قول بىلەن بوتۇلكىنى تۇتۇپ تۇرغاندا، بوتۇلكىمۇ تەسىر كۈچكە ئۇچرايدۇ. جىسىملار ئارىسىدىكى بېسىلىش سەۋەبىدىن ھاسىل بولىدىغان بۇنداق كۈچلەر بېسىم كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ. بىر پارچە خىش يۇمشاق قۇمغا گورىزونتال (ياتقۇزۇپ) قويۇلسا ۋە ۋېرتىكال (تىك) قويۇلسا، گەرچە خىشنىڭ قۇمغا بولغان بېسىم كۈچى ئوخشاشلا خىشنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ بولسىمۇ، لېكىن خىشنىڭ قۇمغا پېتىش چوڭقۇرلۇقى ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، خىشنى گورىزونتال قويغاندا، بېسىم كۈچى چوڭراق يۈزگە تارقىلىپ كېتىپ، بىرلىك يۈزدىكى قۇم ئۇچرايدىغان بېسىم كۈچى كىچىكرەك بولىدىغانلىقتىن، خىشنىڭ پېتىشى تېيىزراق بولىدۇ. ئەكسىچە، خىشنى ۋېرتىكال (تىك) قويغاندا، بېسىم كۈچى كىچىكرەك يۈزگە مەركەزلىشىدىغانلىقتىن، بىرلىك يۈزدىكى قۇم ئۇچرايدىغان بېسىم كۈچى چوڭراق بولۇپ، خىشنىڭ پېتىشى چوڭقۇرراق بولىدۇ. جىسىمنىڭ بىرلىك يۈزدە ئۇچرىغان بېسىم كۈچى بېسىم دەپ ئاتىلىدۇ. جىسىم ئۇچرىغان بېسىم قانچە چوڭ بولسا، بېسىم كۈچىنىڭ ھاسىل قىلىدىغان ئۈنۈمىمۇ شۇنچە كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. گورىزونتال قويۇلغان خىشنىڭ قۇمغا قارىتا بېسىمى كىچىكرەك بولىدۇ، ۋېرتىكال قويۇلغان خىشنىڭ قۇمغا قارىتا بېسىمى چوڭراق بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا، تېگىشىش يۈزىنى چوڭايتىش ئارقىلىق بېسىمنى كىچىكلىتىشنىڭ مىساللىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، تاسمىسى كەڭرەك كەلگەن سومكىنى تاسمىسى تارراق كەلگەن سومكىغا قارىغاندا،مۈرىگە ئاسقاندا راھەترەك بولىدۇ؛ پاتقاقلىقتىن ئۆتكىچە، ياغاچ تاختا ياتقۇزۇلسا، مېڭىشقا ئاسان بولىدۇ؛ چوڭ تىپتىكى تراكتور ۋە تانكىلارغا زەنجىر تاپان ئورنىتىلىدۇ؛ تۆمۈريولنىڭ پولات رېلىسلىرى يول يۈزىگە بىۋاسىتە ياتقۇزۇلماستىن، بەلكى شىپاللار ئۈستىگە ياتقۇزۇلىدۇ ۋە باشقىلار. كۈچكە ئۇچراش يۈزىنى كىچىكلىتىپ بېسىمنى چوڭايتىشنىڭ ئەمەلىي مىساللىرىمۇ بار. پىچاق، پالتا قاتارلىقلارنىڭ بىسى بىلەپ نېپىز قىلىنىدۇ؛ مىخ، يىڭنە، بىگىز قاتارلىقلارنىڭ ئۇچى ئۇچلۇق قىلىپ ياسىلىدۇ. يىڭنىسى يوق بىر خىل شپىرىس بار بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى بىر تاپانچا (ناگان)غا ئوخشايدۇ، «تاپانچا ئېغىزى» ئىنچىكە بولۇپ، دورا سۇيۇقلۇقى «ئوق» قىلىنىدۇ، ئوكۇل ئۇرۇشتا «مىلتىق ئېغىزى» ئوكۇل ئۇرۇلىدىغان قىسىمغا توغرىلىنىدۇ، «تەپكە» نى باسقاندا ئېتىلىپ چىققان ئىنچىكە ھەم يۇقىرى سۈرئەتلىك بىر دەستە دورا سۇيۇقلۇقى مۇسكۇلغا قارىتا ناھايىتى چوڭ بېسىم ھاسىل قىلىپ، ئادەم بەدىنىگە تېزلىكتە كىرىدۇ، بىمار ھېچقاندا ئاغرىق ھېس قىلمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى
بېسىم كۈچى ۋە بېسىم | UyghurWiki | UyghurWiki