ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى
فىزىكا بىلىملىرى
رادىئو قوبۇللىغۇچتىن قوبۇل قىلىنغان ئاۋاز، تېلېۋىزور ئېكرانىدىكى تەسۋىر (سۈرەت) لەرنىڭ ھەممىسىنى رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى ئارقىلىق يەتكۈزۈپ كېلىنگەن.19
- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، دانىيىلىك فىزىكا ئالىمى ئېرىستېد توكلۇق ئۆتكۈزگۈچ سىم ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا ماگنىت مەيدانىنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. كېيىن، ئەنگلىيىلىك فىزىكا ئالىمى فارادېي يەنە ئۆزگىرىۋاتقان ماگنىت مەيدانىنىڭ تۇيۇق ئۆتكۈزگۈچ سىمدا توك ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئىككى ئىلمىي بايقىلىش كۆپلىگەن فىزىكا ئالىملىرىنىڭ مۇنداق بىر مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلىشىنى قوزغىغان: ئېلېكتر ماگنىتنى ھاسىل قىلغانىكەن، ماگنىتمۇ ئېلېكترنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇنداقتا، ئېلېكتر بىلەن ماگنىت بىر - بىرىنى قانداق قىلىپ ھاسىل قىلىدۇ؟
ئەنگلىيىلىك فىزىكا ئالىمى ماكسۋېل ئالدىنقى كىشىلەرنىڭ ئېلېكتر ماگنىت ھادىسىسىنى تەتقىق قىلىشتىكى نەتىجىلىرى ئاساسىدا، ئېلېكتر ماگنىت مەيدانى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىغان: ئۆزگىرىشچان ماگنىت مەيدانىنىڭ تۇيۇق ئۆتكۈزگۈچ سىمدا توك ھاسىل قىلالىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۆزگىرىشچان ماگنىت مەيدانى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا ئېلېكتر مەيدانى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئېلېكتر مەيدانى ئۆتكۈزگۈچ سىمدىكى ئەركىن ئېلېكترونلارنى كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىتىدۇ - دە، ئۇلار ئۆتكۈزگۈچ سىمنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىپ توك ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر ئۆتكۈزگۈچ سىم مەۋجۇت بولمىسىمۇ، بۇ ئېلېكتر مەيدانى يەنىلا مەۋجۇت بولىدۇ. ئوخشاشلا، ئۆزگىرىشچان ئېلېكتر مەيدانىمۇ توكقا ئوخشاشلا، ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا ماگنىت مەيدانىنى ھاسىل قىلالايدۇ.
ماكسۋېل ئۆزىنىڭ نەزەرىيىسىگە ئاساسەن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنداق قىياس قىلغان: ئەگەر بوشلۇقتىكى مەلۇم دائىرىدە ئۆزگىرىشچان ئېلېكتر مەيدانى مەۋجۇت بولسا، بۇ ئۆزگىرىشچان ئېلېكتر مەيدانى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا ئۆزگىرىشچان ماگنىت مەيدانىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ بۇ ئۆزگىرىشچان ماگنىت مەيدانى يەنە ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا ئۆزگىرىشچان ئېلېكتر مەيدانىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ يېڭىدىن ھاسىل بولغان ئۆزگىرىشچان ئېلېكتر مەيدانى يەنە ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا يېڭى ئۆزگىرىشچان ماگنىت مەيدانىنى ھاسىل قىلىدۇ …مۇشۇنداق ئۆزگىرىشچان ئېلېكتر مەيدانى بىلەن ئۆزگىرىشچان ماگنىت مەيدانى نۆۋەتلىشىپ ھاسىل بولۇپ، ئەتراپتىكى بوشلۇقتا يېقىندىن يىراققا قارىتا تارقىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال سۇ دولقۇنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇمۇ دولقۇن دېيىلىدۇ، ئۇ، ئېلېكتر مەيدانى بىلەن ماگنىت مەيدانىدىن تۈزۈلگەنلىكتىن، ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى دەپ ئاتىلىدۇ.
ماكسۋېل يەنە ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ ۋاكۇئۇم (ھەقىقىي بوشلۇق) دىكى تارقىلىش تېزلىكىنىڭ سېكۇنتىغا300 مىڭ كىلومېتىر بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان، بۇ، ئالىملار تەجرىبە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆلچەپ چىققان يورۇقلۇق تېزلىكىگە تامامەن ئوخشاش.1887
- يىلى گېرمانىيىلىك فىزىكا ئالىمى ھېرتىس تەجرىبە ئارقىلىق تۇنجى بولۇپ سۈنئىي ئۇسۇل ئارقىلىق ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنى ھاسىل قىلىپ، ماكسۋېلنىڭ ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى قىياسىنىڭ تامامەن توغرىلىقىنى ئىسپاتلىغان.19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى روسىيىلىك پوپوف بىلەن ئىتالىيىلىك ماكىنى ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ ئالاقىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىدىن پايدىلىنىشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ بەردى. ھازىر ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىدىن پايدىلىنىش كۈنسايىن كېڭىيىپ بارماقتا. تېلېگرامما، رادىئو، تېلېۋىزىيە قاتارلىقلار ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ؛ دېڭىز مۇداپىئەسى، چېگرا مۇداپىئەسىدە ئۇ ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ؛ ئايروپىلان، پاراخوتلارغا ئۇ ئارقىلىق يول باشلىنىدۇ؛ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، سۈنئىي ھەمراھلار ئۇ ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ…