توك سەرپىياتى ۋە توك قۇۋۋىتى
فىزىكا بىلىملىرى
لامپۇچكىلارنىڭ ئۈستىگە «40W 220V» ياكى «60W 220V» دېگەن خەتلەر يېزىلغان بولىدۇ، 200Vبولسا لامپۇچكا نورمال ئىشلىگەندىكى ئېلېكتر بېسىمىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ نورمال ئېلېكتر بېسىمى دەپ ئاتىلىدۇ، 40W ياكى 60W نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟
توكنىڭ ئىش ئىشلەيدىغانلىقى بىزگە مەلۇم. ئەگەر توك چوغلانما لامپۇچكىدىن ئۆتسە، لامپۇچكا قىزىپ يورۇقلۇق چىقىرىدۇ. چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئىككى لامپۇچكا ئوخشاش ئېلېكتر بېسىمىدا ئىشلىسە، بىرى يورۇقراق، يەنە بىرى خىرەرەك يورۇيدۇ، بۇ، ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە، توكنىڭ چوڭ لامپۇچكىدىن ئۆتكەندىكى ئىشلىگەن ئىشىنىڭ كۆپرەك، كىچىك لامپۇچكىدىن ئۆتكەندىكى ئىشلىگەن ئىشىنىڭ ئازراق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
توكنىڭ1 سېكۇنتتا ئىشلىگەن ئىشى توكنىڭ قۇۋۋىتى دەپ ئاتىلىدۇ. توك قۇۋۋىتىنىڭ بىرلىكى ۋات، بەلگىسى W. لامپۇچكىغا ئىپادىلەپ قويۇلغان «40W » لامپۇچكىنىڭ نورمال ئېلېكتر بېسىمىدا ئىشلىگەندىكى توك قۇۋۋىتىنىڭ 40W بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ ئادەتتە نورمال قۇۋۋەت دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۆيدە 60Wۋە 40W لىق ئىككى لامپۇچكا بولسا، قايسىسىنىڭ توك سەرپىياتى كۆپ بولىدۇ؟
توك سەرپىياتى ئېلېكتر سايمىنىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى سەرپ قىلغان سانلىق قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ. توك لامپۇچكىدىن ئۆتۈپ ئىش ئىشلەش جەريانىدا، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە ئايلىنىپ، بۇنىڭدىكى بىر قىسىم ئىسسىقلىق يەنە يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىگە ئايلىنىدۇ. توك قانچىلىك ئىش ئىشلىسە، شۇنچىلىك ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە ۋە يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىگە ئايلىنىدۇ، شۇڭا توك سەرپىياتى توكنىڭ ئىشلىگەن ئىشىغا تەڭ بولىدۇ.
تەجرىبىلەر شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، نورمال ئېلېكتر بېسىمىدا، لامپۇچكىدىن ئۆتكەن توك قانچە كۈچلۈك، توك ئۆتكەن ۋاقىت قانچە ئۇزاق، توك ئىشلىگەن ئىش قانچە كۆپ بولسا، لامپۇچكا سەرپ قىلغان ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
60W ۋە W 40 لىق لامپۇچكىلارنىڭ ئىشلىگەن ۋاقتى ئوخشاش بولسا، 60Wلىق لامپۇچكىنىڭ توك سەرپىياتى كۆپ بولىدۇ. ئەگەر 60W لىق لامپۇچكا1 سائەت،40Wلىق لامپۇچكا2 سائەت ئىشلىگەن بولسا،40W لىق لامپۇچكىنىڭ توك سەرپىياتى ئەكسىچە كۆپرەك بولىدۇ. دېمەك، لامپۇچكىنىڭ توك سەرپىياتى لامپۇچكىنىڭ توك قۇۋۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە لامپۇچكىنىڭ ئىشلەش ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
لامپۇچكا قانچە ئۇزاق ياندۇرۇلسا، سەرپ قىلغان ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. توكنى تېجەش ئۈچۈن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەردائىم ئېلېكتر لامپىلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە دىققەت قىلىش لازىم.