رەڭگارەڭ ماددىي دۇنيا
فىزىكا بىلىملىرى
ئالەمدىكى ماددىلار خىلمۇخىل بولۇپ، چەكسىز ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مۇشۇ ئەسىردىن ئىلگىرى، كىشىلەر پەقەت ماددىنىڭ ماكرولۇق ئالاھىدىلىكىدىنلا قاتتىق جىسىم، سۇيۇقلۇق، گازدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ھالىتىنى بىلگەن.
مۇز، سۇ ۋە سۇ ھورى بولسا ئوخشاش بىر خىل ماددا. مۇز قاتتىق جىسىم ھالىتىدە بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ ℃0 تىن ئېشىپ كەتكەندە، مۇز سۇغا ئايلىنىدۇ. ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا سۇ سۇيۇقلۇق ھالەتتە بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ ℃100 قا يەتكەندە، سۇ يەنە ھورغا ئايلىنىپ، گاز ھالەتتە بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئوخشاش بىر خىل ماددىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل ھالىتى بولىدۇ؟
ئەسلىدە ماددىلار مولېكۇلىدىن تۈزۈلىدۇ. مولېكۇلىلار توختىماستىن تەرتىپسىز ھەرىكەت قىلىدۇ ھەم ئۇلار ئارىسىدا ئۆزئارا تەسىر مەۋجۇت بولىدۇ. ئوخشىمىغان تېمپېراتۇرا، بېسىم قاتارلىق سىرتقى مۇھىتتا، ماددا مولېكۇلىلىرىنىڭ تەرتىپسىز ھەرىكىتى ۋە ئۆزئارا تەسىرىدە، ئوخشىمىغان ماددا ھالەتلىرى بارلىققا كېلىدۇ.
تېمپېراتۇرا ℃0 تىن تۆۋەن بولغاندا، سۇ مولېكۇلىلىرىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى كىچىكرەك بولۇپ، ئۇلار پەقەت مۇقىم ئورنى ئەتراپىدا تەۋرىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىرتقى كۆرۈنۈشتە مۇئەييەن شەكىل (ھالەت)، يەنى قاتتىق جىسىم ھالىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە، مولېكۇلىلارنىڭ ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ، ئۆرلەپ بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندە، مولېكۇلىلار ئەركىن ھالدا ئۇيان - بۇيان يۈگۈرۈپ يۈرەلەيدۇ. بۇ چاغدا مۇز سۇيۇق ھالەتتىكى سۇغا ئايلىنىدۇ. سۇيۇقلۇق مولېكۇلىلىرى ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئوڭايلا ئاقىدۇ. بەلگىلىك شەكىل ھاسىل قىلالمايدۇ. سۇنى قىزدۇرغاندا، ئۇنىڭ مولېكۇلىلىرىنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ جىددىلىشىپ، بەزى مولېكۇلىلار ھەر تەرەپكە ئېتىلىپ سوقۇلۇپ، سۇ يۈزىدىكى مولېكۇلىلارنىڭ تارتىشىدىن قۇتۇلۇپ، سۇ يۈزىگە ئۆرلەپ چىقىپ، سۇ ھورىغا ئايلىنىدۇ. تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ ℃100 قا يەتكەندە، بۇنداق ھادىسە ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، سۇ گاز ھالەتتىكى سۇ ھورىغا ئايلىنىدۇ. گاز مولېكۇلىلىرى ئارىسىدىكى ئارىلىق ناھايىتى چوڭ بولغاچقا، مولېكۇلىلار ئارىسىدىكى تەسىر كۈچ كىچىك بولىدۇ، ھەتتا نەزەرگە ئالمىسىمۇ بولغۇدەك دەرىجىدە بولىدۇ، شۇڭا گازلار ئۆزى يېتىپ بارالايدىغان بوشلۇقنى قاپلاپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن گازلارنىڭ ھەم مۇئەييەن ھەجمى، ھەم مۇئەييەن شەكلى بولمايدۇ.
ئەمما، ئاتوم دەۋرىگە كىرگەندىن بۇيان، ماددىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مىكرو دۇنياسىنىڭ سىرى ئۈزلۈكسىز ئېچىلدى، ماددىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىدىن ئويلاشقاندا، ماددىلار ئۈچ خىل ھالەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. مەسىلەن، بەزى قاتتىق جىسىمنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مولېكۇلا ياكى ئاتوملار تەرتىپلىك، سىممېترىك، دەۋرىيلىك قۇرۇلما ھالەتتە بارلىققا كېلىدۇ، بۇ كرىستال ھالەت دەپ ئاتىلىدۇ؛ نۇرغۇن ئورگانىك ماددىلار ھەم سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئېقىشچانلىقى ۋە ئۈزلۈكسىزلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، ھەم كرىستاللارنىڭ بەزى ئوپتىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، سۇيۇق ھالەت بىلەن كرىستال ھالەتنىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ، بۇ، سۇيۇق كرىستال ھالەت دەپ ئاتىلىدۇ؛ قىزدۇرۇش، زەرەتسىزلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق گازنى ئىئونلىغاندا، بۇ خىل ئىئونلانغان گازنىڭ مۇسبەت، مەنپىي ئىئونلىرى ئۆزئارا تەڭ بولىدۇ، بۇ، پلازما (تەڭ ئىئونلۇق) ھالەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنتايىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا بەزى ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ قارشىلىقى يوقاپ كېتىدۇ، بۇ خىل ھالەت ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك (ئالاھىدە توك ئۆتكۈزۈشچانلىق) ھالەت دەپ ئاتىلىدۇ؛ يەنە زىچلىقى سۇ زىچلىقىنىڭ نەچچە10 مىڭ ھەسسىدىن يۇقىرى بولغان قاتتىق ھالەتتىكى ماددىلار بار، بۇلار ئۇلترا قاتتىق ھالەت دەپ ئاتىلىدۇ، قاتارلىقلار.