UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىئۇلترا ئاۋاز

ئۇلترا ئاۋاز

فىزىكا بىلىملىرى ئادەملەرگە ئاڭلانغان ئاۋاز ئاھاڭىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى ئاۋازنىڭ چاستوتىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. چاستوتىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئاھاڭىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ئەمما 20000Hz تىن يۇقىرى بولغاندا، ئادەم ئاڭلىيالمايدۇ. ئادەتتە ئادەم قۇلىقى ئاڭلىيالمايدىغان يۇقىرى چاستوتىلىق ئاۋاز دولقۇنى ئۇلترا ئاۋاز دېيىلىدۇ، ئۇ بىر ئۈنسىز تۆھپىكارغا ئوخشاش ھەر دائىم ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلترا ئاۋازنىڭ ئادەتتىكى ئاۋازنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغۇن خۇسۇسىيەتلىرى بار، ئەمما چاستوتىسى ئىنتايىن يۇقىرى، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس كۆپلىگەن ئارتۇقچىلىقلىرى بولغانلىقتىن، ئۇ ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئۇلترا ئاۋاز ئارقىلىق جىسىمنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن، مېتال قۇرۇلمىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دەز، گاز كۆپۈكچىلىرى قاتارلىقلارنى كۆز بىلەن بىۋاسىتە كۆرگىلى بولمايدۇ. ئۇلترا ئاۋاز سۇيۇقلۇق ۋە قاتتىق جىسىملارغا نىسبەتەن كۈچلۈك تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، مېتالنىڭ ئىچىگە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى چۈشۈرۈلسە، دەز، گاز كۆپۈكچىسى، ئارىلاشما ماددا قاتارلىق نۇقسانلارغا يولۇققاندا، ماس ھالدىكى قايتىقان دولقۇن شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. قايتقان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇن سىگنالىنى قوبۇل قىلىپ، يەنە بۇنى كۆرسەتكۈچتىن ئۆتكۈزگەندە، مېتالنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نۇقساننىڭ ئورنى ۋە شەكلىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، كۈنجۈتتىنمۇ كىچىك نۇقسانمۇ ئۇلترا ئاۋازنىڭ »كۆزى« دىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. مۇشۇ پرىنسىپقا ئاساسەن ياسالغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەسۋىر كۆرسىتىش ئەسۋابىنى يەنە ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى تەكشۈرۈشكە قوللىنىپ، تېلېۋىزور ئېكرانى ئارقىلىق يۈرەك سوقۇش، ھامىلدار ئايالدىكى ھامىلىنىڭ ھەرىكىتىنى ئېنىق كۆرۈش مۇمكىن بولۇپلا قالماي، يەنە قايسى قىسىم ئەزادا كېسەللىك ئالامىتى يۈز بەرگەنلىكىگىمۇ توغرا دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. بۇ خىل دىئاگنوز قويۇشتا كېسەل كىشىگە ھەم ئازاب كەلتۈرمەيدۇ، ھەم قوشۇمچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بۇ، دوختۇرلارنىڭ كېسەل كۆرۈشىنىڭ ياخشى ياردەمچىسى بولالايدۇ. ئوخشاش پرىنسىپ بويىچە ياسالغان ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرگۈچ ئارقىلىق، دېڭىزغا چۆكۈپ يوشۇرۇنغان سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى بايقاپلا قالماي، يەنە دېڭىز ئاستىدا يوشۇرۇنغان خادا تاش، تېيىز يەر، غەرق بولۇپ كەتكەن كېمە قاتارلىقلارنى »كۆرۈۋېلىش« قا بولىدۇ. كىشىلەر يەنە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ بېلىق توپلىرىنى ئىزدەپ تاپىدۇ. نازۇك ئەسۋاب زاپچاسلىرىنىڭ پاكىزلىققا بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ، ئادەم كۈچىگە تايىنىپ تازىلىغاندا ھەم ئاۋارىچىلىك كۆپ بولىدۇ، ھەم تەلەپكە يەتكىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ شەكلى مۇرەككەپ بولغان كۆپ تۆشۈك، كۆپ ئېرىقچىغا ئىگە نازۇك زاپچاسلارنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىنى ئادەم كۈچى بىلەن تازىلىغىلى بولمايدۇ. ئەگەر زاپچاسنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا سېلىپ، ئاندىن ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى چۈشۈرۈلسە، بىردەمدىلا پاك - پاكىز يۇيۇپ چىقىدۇ. تەتقىقاتلار نۇرغۇن ئۆسۈملۈك ۋە ئۇرۇقلارنىڭ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنى «ئاڭلاشقا» ئامراقلىقىنى ئىپادىلىدى. مۇئەييەن چاستوتىغا ئىگە بولغان كۈچلۈك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنى بۇغداي، شال، كېۋەز، تۇرۇپ (ئاختۇرما) قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقىغا بىرنەچچە مىنۇت چۈشۈرسە، ئۇرۇققا يوشۇرۇنۇۋالغان بەزى كېسەللىك باكتېرىيىلەر ۋە قۇرت تۇخۇملىرىنى ئۆلتۈرەلەيدۇ ھەم ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشىنى تېزلىتىپ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سانائەتتە يەنە ئۇلترا ئاۋاز ئارقىلىق ئاسانلىقچە ئارىلاشمايدىغان ئىككى خىل سۇيۇقلۇقنى ئارىلاشتۇرۇپ سۈپەتلىك سۇسپېنزىيە (لەيلىگۈچى) سۇيۇقلۇقى تەييارلاشقا بولىدۇ؛ مېدىتسىنادا ئۇلترا ئاۋازدىن پايدىلىنىپ بۆرەكتىكى تاشنى ئېزىدۇ، ئادەتتىكى ئوپېراتسىيىدە كېسىپ ئېلىۋەتكىلى بولمايدىغان ئۆسمىلەرنى ئېلىۋېتىشكە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى