UyghurWiki
UyghurWikiئەقىل پاراسەتنى ئېچىشبىلىم ۋە ئىقتىدار

بىلىم ۋە ئىقتىدار

ئەقىل-پاراسەتنى ئېچىش بىلىم بىلەن ئىقتىدار بىر ئادەمنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ ئىككى قانىتى، بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. «بىلىم − كۈچ». بىر ئادەم مول پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتالايدۇ، تەربىيە كۆرگەن ئەخلاقلىق ئادەم بولالايدۇ. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئادەمنىڭ بىلىمى ھەر10 ~15 يىلدا بىر قاتلىنىدىكەن. بىلىمنىڭ چېكى بولمايدۇ، ھەرقانداق ئادەم بارلىق بىلىمنى مەكتەپتە ئىگىلەپ بولالمايدۇ. شۇڭا، مۇھىمى ئاۋۋال ئاساسنى ياخشى سېلىش كېرەك، بۇ ئاساس ھەرقايسى پەنلەرنى ئۆگىنىشتە ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاساسىي بىلىملەردۇر. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئاساسىي بىلىملەرنىڭ بىر قىسمىدۇر، بۇنىڭدىن سىرت، يەنە چامىنىڭ يېتىشىچە كۆپلەپ كىتاب ئوقۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن، بىر ئادەم كىتاب ۋە ئەمەلىيەتتىن كۆپلەپ بىلىم ئېلىپ، ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىجادىي ئىشلىتىمەن، خەلققە تۆھپە قوشىمەن دەيدىكەن، ئۇنىڭدا يەنە ئىقتىدار بولۇشى كېرەك. ئىقتىدار ئەقلىي پائالىيەت ئىقتىدارى بىلەن قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەقلىي پائالىيەت ئىقتىدارى كۆزىتىش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاساسىي ئىقتىدار بولۇپ، بۇ بىرنەچچە خىل ئاساسىي ئىقتىدار ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈنۈملۈك بىلىم ئېلىش ئىقتىدارى، ئىگىلىگەن بىلىملىرىنى مۇستەقىل، ئىجادىي ھالدا تەتبىقلاش ۋە يېڭى بىلىملەرنى بايقاش ئىقتىدارى، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىدا كونكرېت ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنىمۇ يېتىلدۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىشى كېرەك. ئاساسىي بىلىم ۋە ماھارەت ئىگىلىگەن ئادەممۇ لاياقەتلىك پۇقرا ھېسابلىنىشقا تېخى بالدۇر. ھازىرقى جەمئىيەتتىكى لاياقەتلىك پۇقرالار ئەتراپلىق يېتىلگەن، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردە تەڭ تەرەققىي قىلغان بولۇشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئەقىل پاراسەتنى ئېچىش