UyghurWiki
UyghurWikiئەقىل پاراسەتنى ئېچىشمەجبۇرىيەت مائارىپى

مەجبۇرىيەت مائارىپى

ئەقىل-پاراسەتنى ئېچىش مەجبۇرىيەت مائارىپى دېگىنىمىز، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ياش - ئۆسمۈرلەرنى بەلگىلەنگەن يىل چەكلىمىسى بويىچە ھەقسىز تەربىيىلەپ، ھەربىر پۇقرانى مۇئەييەن پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ئىگە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ بەلگىسىدۇر. دۆلەت، ئائىلە ۋە ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئىختىيارىيلىق خاراكتېرىنى ئالمىغان بولۇپ، دۆلەت قانۇن ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بۇيرۇپ تۇرىدۇ. بالىلار ۋە ئاتا - ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەجبۇرىيەت مائارىپى ھەم بىر خىل ھوقۇق، ھەم بىر خىل مەجبۇرىيەتتۇر، يەنى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار تەربىيىلىنىشكە ھوقۇقلۇق، ئۇلارنىڭ بۇ ھوقۇقىنى ھېچكىمنىڭ تارتىۋېلىشىغا بولمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى ئۇلار ۋە ئاتا - ئانىلىرىنىڭ دۆلەت ئالدىدا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىدۇر. مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ خاراكتېرىمۇ دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە زۆرۈر شەرت - شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى بەلگىلىگەن، ئۇنداق بولمايدىكەن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. مەجبۇرىيەت مائارىپى زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى. قۇللۇق جەمئىيەت، فېئوداللىق جەمئىيەتتە ۋە كاپىتالىزمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مەجبۇرىيەت مائارىپى يولغا قويۇلمىغانىدى، چۈنكى ئەينى چاغلاردا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن، ئەمگەكچىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە تېخنىكىسىغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، بىر ئادەم ئەمەلىيەت داۋامىدا ئاددىي مەشغۇلات ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالسىلا ئەمگەكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايتتى. ئاشۇ بىرنەچچە دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارمۇ ئەمگەكچىلەرنىڭ تەربىيىلىنىش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بەرمىگەچكە، ئەمگەكچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى مەكتەپ قارىسى كۆرمىگەن، ساۋاتىسىز كىشىلەر ئىدى.19 - ئەسىرگە كەلگەندە پەن - تېخنىكا ۋە يىرىك سانائەت تەرەققىي قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشقا نۇرغۇن پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرى قوشۇلدى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى يوق ئەمگەكچىلەر ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە قاتنىشالمايدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تۇرۇۋاتقان يېڭى تېخنىكىلارنى ئىگىلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئىشسىزلىق مەسىلىسى كېلىپ چىقىپلا قالماي، بەلكى بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تەسىر يېتىدىغان ھالەت شەكىللەندى. شۇڭا،19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، روسىيە، فرانسىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقا - ئارقىدىن قانۇن چىقىرىپ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويدى، ھازىر مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويغان دۆلەت ۋە رايونلار % 90 كە يېقىنلىشىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى يىل چەكلىمىسى ئوخشاش ئەمەس، ئېلىمىز1986 - يىلى «مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، ئالتە ياشقا توشقان بالىلارغا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشنى بەلگىلىگەن. بۇ ئېلىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە قاراپ قەدەم باسقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەقىل پاراسەتنى ئېچىش
مەجبۇرىيەت مائارىپى | UyghurWiki | UyghurWiki