UyghurWiki
UyghurWikiئەقىل پاراسەتنى ئېچىشئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشنىڭ تۆت ئامىلى

ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشنىڭ تۆت ئامىلى

ئەقىل-پاراسەتنى ئېچىش دۇنيادا تاشقى قىياپىتى تامامەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىككى ئادەمنى تاپقىلى بولمىغىنىدەك، كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە ساپاسىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمايدۇ. بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بەزىلىرى ئەستە ساقلاشقا ماھىر، بەزىلىرى تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە ئامراق كېلىدۇ، يەنە بەزىلىرى تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلىرى بولسا نۇتۇق سۆزلەشكە ئۇستا كېلىدۇ. بۇ پەرقلەر ئاساسلىقى ئىرسىيەت، مۇھىت، تەربىيە ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن پەيدا بولىدۇ، مانا بۇلار ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشنىڭ تۆت ئامىلىدۇر. ئىرسىيەت ئاتا - ئانا ۋە ئالدىنقى نەچچە ئەۋلاد ئۇرۇق - تۇغقانلاردىن ئەۋلادلىرىغا قېلىپ قالغان فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىك، بولۇپمۇ چوڭ مېڭە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئادەمنىڭ مىجەز - خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىلەرنى ئوخشاش بولمىغان تالانت ۋە ساپاغا ئىگە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكىنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ. ئالايلۇق، تۇغما رەڭ قارىغۇسى ئادەمنىڭ تالانتلىق رەسسام بولۇپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ خىلمۇخىل رەڭ ۋە ھەر خىل سىزىقلارنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلمەيدۇ ھەمدە ئۇلاردىن تولۇق پايدىلىنالمايدۇ. لېكىن، ئىرسىيەت ئادەمگە پەقەت ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلىنىش ئىمكانىيىتىنىلا يارىتىپ بېرەلەيدۇ، بۇنىڭدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل يەنىلا مۇھىت، تەربىيە ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدۇر. بۇ يەردە ئېيتىلغان مۇھىت ئىجتىمائىي مۇھىتنى كۆرسىتىدۇ، ئائىلە مۇھىتىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئالايلۇق، ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى ساۋاتسىزلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاسىيا بىلەن ئافرىقىغا تارقالغان بولۇپ، بۇ ھەرگىز بۇ رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ دۆتلۈكىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئارقىدا قالغانلىقى، كىشىلەرنىڭ تەربىيىلىنىش پۇرسىتىنىڭ ئازلىقىدىن بولغان.ئوخشاشلا پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوبدان ئوقۇشىغا ئىلھام بەرمەيدىغان، ئۇلاردا ئىلمىي قىزىقىش يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئائىلىلەردىن بىلىملىك ئادەم ياكى ئۇلۇغ سەنئەتكارنىڭ چىقمىقى تەس. تەربىيە ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم، ئۆسمۈرلۈك دەۋردە تېخىمۇ شۇنداق. تەربىيىلەش دېگىنىمىز، پىلانلىق، نىشانلىق، ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بەرگەن ھالدا ئادەم تەربىيىلەش خىزمىتىدۇر. بالىلار يەسلىگە كىرگەندىن باشلاپلا ئۆزلىرىنىڭ ياش قۇرامىغا ماس كېلىدىغان بىر يۈرۈش تەربىيىنى قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ. ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ مەزمۇنى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەھۋالىغىمۇ، پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ، بالىلارنى ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. مۇھىت ۋە تەربىيە ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلىنىشتىكى مۇھىم ئامىل، لېكىن ئۆزى تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كەم بولسا بولمايدىغان تېخىمۇ مۇھىم شەرت. پايدىلىق شارائىتتا ئۆز - ئۆزىدىن مەغرۇرلىنىپ، تىرىشىپ ئۆگەنمىگەندە، ئەڭ ياخشى مۇھىت ۋە تەربىيىمۇ رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئەكسىچە، ئېنىق ئۆگىنىش نىشانى، ئېگىلمەس - سۇنماس روھ ۋە كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىدىغان پوزىتسىيە بولسىلا، بارلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلانغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەقىل پاراسەتنى ئېچىش