ئۆگىنىشنىڭ خوجايىنى بولۇش
ئەقىل-پاراسەتنى ئېچىش
مەكتەپتىكى ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىدە ئوقۇغۇچىلار خوجايىندۇر. ئوقۇتۇش داۋامىدا ئوقۇتقۇچىلار يېتەكچىلىك رول ئوينىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇشى كېرەك. ھە دېگەندىلا ئوقۇتقۇچىغا يۆلىنىۋېلىپ، ئوقۇتقۇچى ئۆگەتكەن بىلىملەرنى ئۆگەنسەملا بولدى دەپ قارىغاندا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.
ئۆگىنىش قىلىش بىلىم ئېلىش، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە ئۆگەنگەن بىلىملەرنى تەتبىقلاش جەريانى، بۇ جەريان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ئورۇندىلىدۇ، ئۇ ئوقۇغۇچىلاردىن سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىرىنچىدىن، ئۆگىنىشكە ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئۆگىنىشكە قارىتا كۈچلۈك قىزىقىش يېتىلدۈرۈپ، «مەن ئۆگىنىشىم كېرەك» دەيدىغان ئاڭنى تۇرغۇزۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ھەسەل ھەرىسىدەك گۈللەردىن شىرنە يىغىپ، بىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە زېرىكمەي - تېرىكمەي ياماشقىلى بولىدۇ. بىلىمگە بولغان قىزىقىش ئۆزلۈكىدىن شەكىللىنىپ قالمايدۇ، ئۇنى چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى، سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى، يىغىنچاقلاش ئۇسۇلى، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇلى دېگەنگە ئوخشاش ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. توغرا ئۇسۇلنى قوللانغاندا، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن، يەنە ئالدىن تەكرار قىلىش، دەرستىن كېيىن تەكرار قىلىش، مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىش دېگەنگە ئوخشاش ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى مۇستەقىل تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇشتۇر