UyghurWiki
UyghurWikiئەقىل پاراسەتنى ئېچىشئۈمىد قۇرۇلۇشى

ئۈمىد قۇرۇلۇشى

ئەقىل-پاراسەتنى ئېچىش ھازىر ئېلىمىزدىكى ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %97 كە يەتتى، لېكىن ئېلىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، نوپۇسى كۆپ، جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى ناھايىتى تەكشىسىز بولۇپ، بەزى جايلاردا نامراتلىق، ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەر يىلى يەنىلا ئوقۇش يېشىدىكى بىرمۇنچە بالىلار مەكتەپتە ئوقۇيالماي ياكى ئوتتۇرا يولدا مەكتەپتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ، پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۈكسەك تەرەققىي قىلىشىغا مۇقەررەر تەسىر يەتكۈزىدۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىغىمۇ ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئوقۇشسىز قالغان بۇ بالىلار مەكتەپتە ئوقۇپ بىلىم ئېلىشقا تولىمۇ ئىنتىزار، لېكىن ئائىلىسى بەكلا نامرات بولغاچقا ئوقۇش پۇللىرىنى تۆلىيەلمەيدۇ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغۇدەك يېتەرلىك مالىيە كۈچى يوق.1989 - يىلى جۇڭگو ياش - ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى قۇرۇلدى، ئۇلار جەمئىيەتكە «ئۈمىد قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويۇش تەشەببۇسى چىقاردى ھەمدە پۈتۈن جەمئىيەتنى مەبلەغ ئىئانە قىلىپ مەكتەپ ئېچىپ، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا، ئوقۇشسىز قالغان بالىلارنىڭ مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدى. «ئۈمىد قۇرۇلۇشى» جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، يۇقىرىدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىدىن تۆۋەندە ئادەتتىكى پۇقرالارغىچە بەس - بەستە «ئۈمىد قۇرۇلۇشى» غا پۇل ئىئانە قىلدى، ھەتتا شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىمۇ ۋەتىنىدىكى يۇرتداشلىرىنى ياد ئېتىپ، سېخىيلىك بىلەن پۇل ئىئانە قىلدى.1992 - يىلى8 - ئايغا كەلگەندە «ئۈمىد قۇرۇلۇشى» غا جەمئىي40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلىنىپ، ئوقۇشسىز قالغان300 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كەلدى. «ئۈمىد قۇرۇلۇشى» ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ئۈمىد ئاتا قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئېلىمىزنىڭ ساۋاتسىزلىقنى ئۈزۈل - كېسىل تۈگىتىشى، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىگىمۇ پارلاق ئىستىقبال يارىتىپ بەردى.
← بارلىق تېمىلار ئەقىل پاراسەتنى ئېچىش