UyghurWiki
UyghurWikiئەقىل پاراسەتنى ئېچىشياشلىق مەزگىلى

ياشلىق مەزگىلى

ئەقىل-پاراسەتنى ئېچىش 12 ياشتىن15 ياشقىچە بولغان مەزگىل بالىلار كىشىلىك ھاياتنىڭ تۆت كوچا ئېغىزى بولغان ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويىدىغان چاغدۇر. بۇ، ئادەمنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىددىيەتكە تولىدىغان، شۇنداقلا تەربىيە ئېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. ياشلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بالىلارنىڭ بويى ۋە ئېغىرلىقى روشەن دەرىجىدە ئاشىدۇ؛ چوڭ مېڭىسى، يۈرىكى ۋە سۆڭەك، مۇسكۇللىرى بارا - بارا پىشىپ يېتىلىدۇ؛ ئىككىنچى خىل ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلۈپ، ئوغۇللارنىڭ ئاۋازى بوم چىقىدىغان بولىدۇ، بۇغدىيىكى يوغىناشقا باشلايدۇ؛ قىزلارنىڭ بەدىنى تېخىمۇ تېز يېتىلىپ، ئاياللاردا بولىدىغان فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. فىزىئولوگىيىلىك تەرەققىيات پسىخىكىلىق ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان بالىلاردا كۈچلۈك «قۇرامىغا يەتكەنلىك تۇيغۇسى» پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، ئۇلار ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، ئاتا - ئانىلىرى بىلەن پات - پات توقۇنۇشۇپ قالىدۇ؛ ھېسسىياتچان كېلىدۇ، ئوڭاي ھاياجانلىنىدۇ، ئۆزىنى تىزگىنلەشكە ماھىر بولالمايدۇ، ئوڭايلا قاراملارچە ئىش قىلىپ قويىدۇ؛ قۇرداشلىرى بىلەن دوست بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆزىگە ھەمراھ ئىزدەيدۇ، لېكىن بەزى چاغلاردا «ئادالەت» نى بەكلا تەكىتلەپ كېتىپ، ھەق - ناھەقنى ئوبدان تەھلىل قىلالمايدۇ، ئوڭايلا گۇرۇھۋازلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ؛ يات جىنسلىق قۇرداشلىرىغا قىزىقىدىغان پسىخىكا ۋە ئۇلارغا يېقىنلىشىپ بېقىش ئارزۇسى پەيدا بولىدۇ، يات جىنستىكىلەرنىڭ ئۆزىگە قانداق باھا بېرىدىغانلىقىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ. بۇ مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر ياشلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بالىلارنى كۆپىنچە ياخشى ئىدىيىۋى تەييارلىق قىلالمىغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئۇلار بۇ مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىسا، ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، بەزىلەر «ياشلىق مەزگىلى» نى «خەتەرلىك مەزگىل» دەپ ئاتىشىدۇ. ياشلىق مەزگىلىنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا، «قىزىل، يېشىل چىراغ» قا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ جەھەتتە ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ تەجرىبىسى مول، ئۇلار سىزگە قايسىلىرىنىڭ بۆسۈپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان «قىزىل چىراغ» ئىكەنلىكىنى، قايسىلىرىنىڭ دادىللىق بىلەن ئۆتۈشكە بولىدىغان «يېشىل چىراغ» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ يەردە ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، كەيپىياتىنى ماھىرلىق بىلەن تىزگىنلەپ، ئىشلارغا يولۇققاندا سوغۇق قان، تەمكىن بولۇپ، ئوبدان ئويلىنىپ ئىش قىلىش تېخىمۇ مۇھىم. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، قارىغۇلارچە ھاياجانلىنىپ كېتىشتىن ۋە ئالدىراڭغۇلۇقتىن ساقلىنىپ، بىرەر خاتالىقنىڭ دەردىنى ئۆمۈرۋايەت تارتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ساۋاقداشلار ئارا كۆيۈنۈش، ياردەم بېرىش، ھەقىقىي دوستلۇق ئورنىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق تىرىشىش؛ گۇرۇھۋازلىق قىلىپ، سىنىپتىن ئىبارەت كوللېكتىپتىن ئايرىلىپ قالماسلىق كېرەك. دوستلار ئارا مۇناسىۋەتتە، مۇستەقىل تەھلىل يۈرگۈزۈپ، مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرىپ، باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەسلىك كېرەك. ئالىيجاناب ھېسسىيات ۋە توغرا ئەخلاق قارىشى تۇرغۇزۇش كېرەك. يات جىنسلىق ساۋاقداشلار ئالدىدا ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزىنى بىلىش كېرەك. بىردەملىك ھېسسىياتقا بېرىلىپ يات جىنسلىقلارنى قوغلاشماسلىق كېرەك. بۇ دۇنيا ناھايىتى چوڭ، پۈتكۈل دۇنيانى ئاز - تولا چۈشىنەلىگەن چېغىڭىزدىلا، ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى تونۇپ يېتىپ، تاللاش پۇرسىتىنى كەلگۈسىگە قالدۇرالايسىز.
← بارلىق تېمىلار ئەقىل پاراسەتنى ئېچىش