سۇ ئىسسىتقۇچ
ئېلېكترون بىلىملىرى
سۇ ئىسسىتقۇچلار ئادەتتە ئۈچ خىل بولىدۇ.
توكلۇق سۇ ئىسسىتقۇچنىڭ شەكلى كىچىك تىپتىكى بىر سۇ ساندۇقىغا ئوخشاش بولۇپ، سۇ ساندۇقى داتلاشماس پولات تاختىدىن ياسىلىدۇ، سۇ تۇرۇبىسى ئۇنى سوغۇق سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. سۇ ساندۇقىنىڭ ئىچىگە ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولغان نەيچە شەكىللىك قىزۇدۇرغۇچ ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن توك ئۆتكەندىن كېيىن، سۇ ساندۇقىدىكى سۇ قىزىپ نىسبەتەن يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا يېتىدۇ. ئىشلىتىلىدىغان تېمپېراتۇرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، قىزدۇرغۇچنىڭ سانى ۋە قىزدۇرغۇچتىن ئۆتىدىغان توكنىڭ چوڭ − كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. سۇ ساندۇقى ئىچىگە تېمپېراتۇرا سېزىش دېتالى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ، سۇ ساندۇقىنىڭ سىرتقى قېپىغا ئورنىتىلغان ئاپتوماتىك تېمپېراتۇرا تەڭشىگۈچكە ئۇلانغان بولىدۇ. تېمپېراتۇرا تەڭشەش بۇرىغۇچىدىن پايدىلىنىپ، سۇ تېمپېراتۇرىسىنى ℃35 تىن ℃85 قىچە بولغان ئارىلىقتا تەڭشەشكە بولىدۇ. ئېلېكتر زەنجىرىگە يەنە بىر ئىسسىقلىق سەزگۈچ دېتال ئارقىمۇئارقا ئۇلانغان بولۇپ، ئۇ، سۇغا سانجىپ قويۇلىدۇ، ئاپتوماتىك تېمپېراتۇرا تەڭشىگۈچ بۇزۇلۇپ قالغان چاغدا، سۇ تېمپېراتۇرىسى℃120 تىن ئېشىپ كەتسە، ئىسسىقلىق سەزگۈچ دېتالدىكى قوش مېتال پلاستىنكا ئېگىلىپ، توك ئۆتكۈزىدىغان تېگىشىش نۇقتىسى ئاجرىلىپ كېتىش بىلەن، ئېلېكتر زەنجىرى ئۈزۈلۈپ، قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
يانار گاز ئارقىلىق قىزدۇرۇلىدىغىنى يانار گازلىق سۇ ئىسسىتقۇچ دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە بىر گۇرۇپپا دىسكا شەكىللىك يۆگىمەچ تۇرۇبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ مىستىن ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ تېگىگە گاز ئوچاققا ئوخشاپ كېتىدىغان ياندۇرۇش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلىدۇ. مىس تۇرۇبا ئىسسىقلىقنى ناھايىتى تېز ئۆتكۈزىدۇ، بۇرما شەكىللىك سۇ تۇرۇبىسىنىڭ ئوت يالقۇنىغا تېگىدىغان يۈزى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سۇ ئېقىمى قىزىغان ئەگرى مىس تۇرۇبىنىڭ تېگىگە يېتىپ بارغان چاغدا، ئاساسەن قايناش دەرىجىسىگە يېتىدۇ. يانار گازلىق سۇ ئىسسىتقۇچنى ئىشلەتكەن چاغدا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
ناھايىتى چوڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولغىنى قۇياش ئېنېرگىيىلىك سۇ ئىسسىتقۇچتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا ياغاچ تاختىدىن چوڭ بىر ياغاچ قۇتا ياسىلىپ، ئىچىگە قارا سىر سۈركەلگەن دولقۇن شەكىللىك ئىسسىقلىق سۈمۈرگۈچ پولات تاختا بىلەن ئىسسىقلىق سۈمۈرگۈچ پولات تۇرۇبا ئورنىتىلىدۇ، تېگىگە ئىسسىقلىق ساقلىغۇچ ماتېرىيال توشقۇزۇلىدۇ. قۇياشنىڭ رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسى ئەينەك قاپقاقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنى قارا رەڭلىك دولقۇن شەكىللىك ئىسسىقلىق سۈمۈرگۈچ پولات تاختا ئۆزىگە سۈمۈرۈۋېلىپ، ياغاچ قۇتا ئىچىدىكى تېمپېراتۇرىنى ℃100 تىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ. سوغۇق سۇ سۇ ئىسسىتقۇچنىڭ ئاستىنقى قىسمى ئارقىلىق ئىسسىقلىق سۈمۈرگۈچ پولات تۇرۇبىنىڭ ئىچىگە كىرگەندە، قىزىپ تېمېپراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ. قۇياش نۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يورۇتۇشى ئاستىدا، سۇ تېمېپېراتۇرىسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. سۇ تېمپېراتۇرىسى بەلگىلەنگەن تېمېپراتۇرىغا يەتكەندىن كېيىن، ئىسسىق سۇنى ئىسسىق سۇ ساندۇقىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى ياكى قوشۇمچە تۇرۇبا ئارقىلىق چىقىرىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تۆت كىشىلىك بىر ئائىلىدە،3 كۋادرات مېتىردىن5 كۋادرات مېتىرغىچە بولغان تۇرۇبا شەكىللىك قۇياش ئېنېرگىيىلىك سۇ ئىسسىتقۇچ بولسىلا، يېتەرلىك ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەنگىلى بولىدۇ.