UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىئۈنئالغۇ

ئۈنئالغۇ

ئېلېكترون بىلىملىرى ئۈنئالغۇ بولسا ئۈن (ئاۋاز) خاتىرىلەش ۋە ئۇنى قايتا چىقىرىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىقتىدارغا ئىگە. ئاۋاز خاتىرىلەشنىڭ پرىنسىپى پولات پلاستىنكىنى ماگنىتقا تەگكۈزۈپ، ئاندىن بۇ پولات پلاستىنكىنى كىچىك تۆمۈر مىخلارغا يېقىنلاشتۇرساق، ئۇنىڭ بۇ كىچىك تۆمۈر مىخلارنى ئۆزىگە تارتقىنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. يەنى پولات پلاستىنكا ماگنىتلاندى، ئۇنىڭ تېنىدە ماگنىتنىڭ ماگنىت مەيدانىنىڭ ئىزلىرى قالدى، دېگەن سۆز. ئەگەر ماگنىتنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتى كۈچلۈكرەك بولسا، پولات پلاستىنكىدا قالغان ماگنىتلىق خۇسۇسىيەتمۇ كۈچلۈك بولۇپ، تارتىش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ، ئەكسىچە بولسا ئاجىزراق بولىدۇ. لېكىن، ئاۋاز خاتىرىلەشتە (ئۈن ئېلىشتا) مەڭگۈ ماگنىتنىڭ ماگنىت مەيدانى ئىشلىتىلمەستىن، بەلكى ماگنىت باش دەپ ئاتىلىدىغان ئېلېكترماگنىتلىق تۆمۈر ئىشلىتىلىدۇ. بۇ تار يوچۇقى بار بولغان ھالقا شەكىللىك بىر تۆمۈر ئۆزەكتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كاتۇشكا (سىم ئورام) ئورالغان. ئاۋاز خاتىرىلىگەن چاغدا، ئاۋاز دولقۇنى مىكروفون ئارقىلىق ئۆزگىرىۋاتقان توكقا ئايلىنىدۇ، بۇ توك كۈچەيتكۈچ ئارقىلىق كۈچەيتىلگەندىن كېيىن، ئاۋاز خاتىرىلەيدىغان ماگنىت باشنىڭ كاتۇشكىسىغا يوللاپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۆمۈر ئۆزەكتە ئاۋازغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان ماگنىت مەيدانى ھاسىل بولىدۇ. ماگنىتلىق لېنتا ماگنىت باشقا چىڭ تېگىپ ئۇنىڭ تار يوچۇقىدىن ئۆتكەن چاغدا، ماگنىت باشتىكى بۇ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان ماگنىت مەيدانى ماگنىتلىق لېنتىنى ماگنىتلايدۇ، نەتىجىدە ئاۋازغا ماس ھالدا ئۆزگىرىدىغان ماگنىت سىگنالى ماگنىتلىق لېنتىغا خاتىرىلىنىپ قالىدۇ. ئاۋاز خاتىرىلەنگەن ماگنىتلىق لېنتا ئۆزىنىڭ لېنتا يۆگەش قۇتىسىغا سېلىنىپ، ئاۋاز خاتىرىلىگەن چاغدىكى تېزلىك بويىچە ئاۋاز چىقارغۇچى ماگنىت باشتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاۋاز چىقارغۇچى ماگنىت باشنىڭ تۆمۈر ئۆزىكى ماگنىت لېنتىدىكى ئۆزگىرىشچان ماگنىت سىگنالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تۆمۈر ئۆزەكتىكى كاتۇشكىدا ماس ھالدا ئۆزگىرىدىغان توك ھاسىل بولىدۇ. بۇ توك ئەسلىدىكى مىكروفوندىكى توكنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىدىن ئىبارەت. كۈچەيتىش ۋە قايتا ئىشلەشتىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئاۋاز كانىيىغا يوللاپ بېرىلسە، ئەسلىدىكى خاتىرىلەنگەن ئاۋاز قايتىدىن چىقىدۇ. ھازىرقى كۆپ ساندىكى رادىئو قوبۇللىغۇچلۇق ئۇنئالغۇلارنىڭ ھەممىسى ستېرېئو (مۇئەللەق) ئاۋازلىق ئۈنئالغۇلاردىن ئىبارەت. ستېرېئو ئاۋازلىق ئاۋاز خاتىرىلىگۈچى ۋە ئاۋاز چىقارغۇچى ماگنىت باشلارنىڭ ھەممىسىدە ئاستى - ئۈستى ئىككى گۇرۇپپا كاتۇشكا بار بولۇپ، ئىككى ئاۋاز يولىغا بىرلا ۋاقىتتا ئاۋاز خاتىرىلەيدۇ. ئاۋاز خاتىرىلىگەن چاغدا، ئاۋاز ئوڭ - سولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى مىكروفون ئارقىلىق توكقا ئايلاندۇرۇلۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى يۈرۈش كۈچەيتكۈچ ئارقىلىق كۈچەيتىلىدۇ ھەمدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاۋاز خاتىرىلىگۈچى ماگنىت باشنىڭ ئىككى گۇرۇپپا كاتۇشكىسىغا يوللىنىپ، ئىككى خىل ئاۋاز ئاۋاز لېنتىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئاۋاز يولىغا خاتىرىلىنىدۇ. ئاۋازنى چىقارغان چاغدا، ماگنىتلىق لېنتا ئاۋاز چىقارغۇچى ماگنىت باشتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى گۇرۇپپا كاتۇشكا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى ئاۋاز يولىدا ئۆزگىرىشچان توكنى ئىندۇكسىيىلەپ چىقىرىدۇ، ئاندىن ئىككى يۈرۈش كۈچەيتكۈچ ۋە ئاۋاز كانىيى ئارقىلىق ئاۋاز قايتا چىقىرىلغاندا، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىككى قۇلىقى ئىككى ئاۋاز يولىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردە ستېرېئو ئاۋاز ئاڭلاش تۇيغۇسى ھاسىل بولىدۇ. ئاۋاز خاتىرىلەنگەن ماگنىتلىق لېنتىدىكى ئاۋازلارنىڭ ھاجىتى قالمىغان چاغدا، ئاۋاز خاتىرىلەنگەن ماگنىتلىق لېنتىنى ئاۋاز ئۆچۈرگۈچى ماگنىت باشتىن ئۆتكۈزسەك، خاتىرىلەنگەن ئاۋازلار ئۆچۈپ كېتىدۇ. ئاۋاز ئۆچۈرگۈچى ماگنىت باش ئاۋاز خاتىرىلىگۈچى ماگنىت باشقا ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن ئاۋاز ئۆچۈرگۈچى ماگنىت باشنىڭ يوچۇقى چوڭراق بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا جىددىي ئۆزگىرىدىغان ماگنىت مەيدانىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئاۋاز خاتىرىلەنگەن ماگنىتلىق لېنتا ئاۋاز ئۆچۈرگۈچى ماگنىت باشنىڭ يوچۇقىدىن ئۆتكەن چاغدا، ئۆزگىرىشچان ماگنىت مەيدانى تەرىپىدىن ماگنىتلىنىپ، ئەسلىدىكى قالدۇق ماگنىت يوقايدۇ - دە، ئەسلىدە خاتىرىلەنگەن ئاۋاز ئۆچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە يېڭى ئاۋاز خاتىرىلىگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى