UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىتوك سىناش قەلىمى

توك سىناش قەلىمى

ئېلېكترون بىلىملىرى ئەگەر ئائىلىدىكى ئېلېكتر چىراغلىرى توساتتىن ئۆچۈپ، تېلېۋىزور ئېكرانىمۇ يورۇماي قالسا، چاتاقنىڭ نەدىن چىققانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، «چارلىغۇچى» نىڭ ئالدىنقى سەپكە ئۆتۈپ «ئوت كۈچى» نى چارلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ چارلىغۇچى ئەنە شۇ توك سىناش قەلىمىدىن ئىبارەت. توك سىناش قەلىمى تېگىشكۈچى مېتال ئۇچ، ئېلېكتر قارشىلىقى، نېئون لامپا، پۇرژىنا ۋە سۇلياۋ دەستىدىن تۈزۈلىدۇ. تېگىشكۈچى مېتال ئۇچ خۇددى توك سىناش قەلىمىنىڭ «قولى» غا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ توكنى «تۇتۇپ» لاۋالسا، ئۇچۇرنى (سىگنالنى) كاربون قارشىلىققا يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نېئون لامپا يورۇيدۇ - دە، كىشىلەرگە بۇ يەردە توك بارلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئەگەر توك مەنبەسىدىكى توك تۇراقلىق توك بولسا، نېئون لامپىنىڭ بىر ئۇچىدىكى «كۆزى» لا يورۇيدۇ (بىر قۇتۇپ يورۇقلۇق چىقىرىدۇ)، ئەگەر ئۆزگىرىشچان توك بولسا، نېئون لامپىنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى «كۆزى» نىڭ ھەر ئىككىلىسى يورۇيدۇ (ئىككى قۇتۇپ يورۇقلۇق چىقىرىدۇ). ئېلېكتر بېسىمى قانچە يۇقىرى بولسا، نېئون لامپىنىڭ «كۆزى» شۇنچە يورۇق يورۇيدۇ، تەجرىبىلىك كىشىلەر بۇنىڭغا قاراپ ئۆلچىنىدىغان ئېلېكتر بېسىمىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى تەخمىنىي ھالدا مۆلچەرلىيەلەيدۇ. توك بەزىدە تەنتەك بالىلارغا ئوخشاش ساختا قىياپەتلەرنى ھاسىل قىلىپ، مۆكۈشمەك ئوينىغاندەك ئادەمنى ئىزدىتىدۇ.سىنىغان چاغدا نېئون لامپا يورۇمىسا ياكى ناھايىتى ئاجىز قىزىل يورۇقلۇق چىقارسا، بۇ چاغدا دەرھال كېسىپ توك يوق دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ، سىنىغان ئورۇننىڭ پاكىز بولمىغانلىقىدىن بولۇشى ياكى سىنىغان ئورۇندىكى توك سىمىنىڭ ئوت سىم ئەمەسلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا توك سىناش قەلىمىنىڭ ئۇچىنى سىناش نۇقتىسىغا بىرنەچچە قېتىم سۈركەپ بېقىش ياكى توك سىناش قەلىمىنى شۇ سىم يولىنىڭ باشقا بىر نۇقتىسىغا يۆتكەپ سىناپ بېقىش كېرەك. ئەگەر قايتا - قايتا سىنىغاندىمۇ نېئون لامپا يورۇمىسا، ئاندىن بۇ نۇقتىدا توك يوق ئىكەن دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. بەزىدە ئىككى تال توك مەنبە سىمىنى سىناپ كۆرگەندە، ھەر ئىككىلىسىدە نېئون لامپىنىڭ «كۆزى» يوپيورۇق يورۇپ كېتىدۇ، لېكىن ئېلېكتر ئۈسكۈنىسى يەنىلا ئىشلىمەيدۇ، بۇ كۆپىنچە توك مەنبە سىمىنىڭ نۆل سىمىنىڭ باشقا بىر ئورنى ئۈزۈلۈپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ، شۇڭا بۇنى توك سىناش قەلىمىدىن پايدىلىنىپ، تاكى چاتاق چىققان ئورۇننى تاپقانغا قەدەر، توك سىمىنى بويلاپ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. توك سىناش قەلىمىنىڭ يورۇشى ئۇنىڭ ئادەم بەدىنى ئارقىلىق تۇيۇق زەنجىر ھاسىل قىلغانلىقىدىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن توك قەلەمنى ئىشلەتكەن چاغدا، باش بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماق ئارقىلىق قەلەم دەستىسىنى تۇتۇپ، كۆرسەتكۈچ بارماق ئارقىلىق قەلەمنىڭ قىسقۇچىنى ياكى قەلەمنىڭ بېشىدىكى مونەكنى بېسىش ھەمدە نېئون لامپىنىڭ كىچىك كۆزنىكىنى سىنىغۇچى ئادەمگە قارىتىش كېرەك. توك سىناش قەلىمىنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى پۈتۈن قەلەمنىڭ ساق ياكى ساق ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ تېگىشكۈچى مېتال ئۇچىدا داتلىشىش ياكى بوشاپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش كېرەك، شۇنداقلا قەلەمنىڭ تېگىشكۈچى مېتال ئۇچىنى ئالدىنئالا توكلۇق ئۇلىغۇچ (ۋىكليۇچاتېل) ياكى چېتىلغۇچ قاتارلىقلارغا تەگكۈزۈپ بېقىش كېرەك، بۇ چاغدا ئەگەر ئۇنىڭ نېئون لامپىسى يورۇسا، ئۇنىڭ ساق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. توك سوقۇش ھادىسىسى كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سىناش جەريانىدا بارماقلارنى قەلەمنىڭ تېگىشكۈچى مېتال ئۇچىغا تەگكۈزۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
توك سىناش قەلىمى | UyghurWiki | UyghurWiki